UyghurWiki
UyghurWikiكىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالىموزاي مۇكاپاتى

موزاي مۇكاپاتى

كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى 1985 - يىلى مەملىكىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بالىلار كىنو مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. شۇ يىلى جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلى بولغانلىقتىن، مۇكاپاتقا «موزاي مۇكاپاتى» دەپ نام بېرىلدى. بۇ «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماس» ۋە «كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا» دېگەن ئىككى خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. جۈملىدىن بالىلارنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، بالىلار كىنو خادىملىرىنىڭ كۆپرەك تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كۆزدە تۇتۇلغان. ئالىي مۇكاپات بۇيۇمى قېتىشمىدىن ياسالغان موزاي ھەيكىلى. «موزاي مۇكاپاتى» ھەرئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ. باھالاش كومىتېتى جۇڭگو بالىلار كىنوچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق كىنو مۇتەخەسسىسلىرى، بالىلار مائارىپچىلىرى ۋە بالىلار خىزمەت خادىملىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر نۆۋەت. باھالاش كومىتېتى يەنە بالىلار ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ باھالاشقا قاتناشتۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن پىكىر ئالىدۇ. «موزاي مۇكاپاتى» نىڭ مۇكاپات تۈرلىرى: ھېكايە فىلىم، گۈزەل سەنئەت فىلىمى، ئىلمىي تەربىيىۋى فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىملەر مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋەر بالا ئاكتيورلارغا بېرىلىدىغان ئورۇنداش مۇكاپاتىدىن ئىبارەت. چەت ئەل ۋە شياڭگاڭ، تەيۋەنلەرنىڭ مۇنەۋۋەر بالىلار فىلىملىرىمۇ مۇكاپاتلاشقا قاتناشسا بولىدۇ. شۇ يىلقى ئىشلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن يەنە سېنارىست، رېژىسسور، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كومپوزىتور، ئۈن ئالغۇچى، ئالاھىدە تېخنىك، كېسىپ ئۇلىغۇچى، گىرىمچى، كىيىمچىك، جابدۇقچى قاتارلىق تاق تۈردىكى مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى