UyghurWiki
UyghurWikiكىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالىيۈزگۈل مۇكاپاتى

يۈزگۈل مۇكاپاتى

كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى «يۈزگۈل مۇكاپاتى» جۇڭگودىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك كىنولارنى باھالاش - مۇكاپاتلاش پائالىيىتى بولۇپ، «ئاممىۋى كىنو» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان. مۇكاپات1962 - يىلى باشلانغان، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە نائىلاج ئۈزۈلۈپ قالغان،1980 - يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن بېرى ھەريىلى5 - ئايدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.1981 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىللىق «يۈزگۈل مۇكاپاتى» بىلەن «ئالتۇن خوراز مۇكاپاتى» نىڭ مۇكاپاتلاش يىغىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېچىلغانلىقتىن، «قوش مۇكاپاتلاش» يىغىنى دەپ ئاتالغان. «يۈزگۈل مۇكاپاتى» دەسلەپتە يولغا قويۇلغان چاغلاردا، ئەڭ ياخشى سېنارىست، رېژىسسور، ئاكتيور، ئوپېراتور، ئۈن ئالغۇچى، گۈزەل سەنئەت خادىمى، كېسىپ ئۇلىغۇچى، كومپوزىتور، شۇنىڭدەك ھېكايە فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم، گۈزەل سەنئەت فىلىمى قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغانىدى.1981 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ ئەڭ ياخشى ھېكايە فىلىم، ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور، ئەڭ ياخشى ئايال ئاكتيوردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىندى؛1983 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى نۆۋەتلىكىدە ئۇلارغا ئەڭ ياخشى ئەر قوشۇمچە رول، ئەڭ ياخشى ئايال قوشۇمچە رول دېگەن مۇكاپات تۈرى قوشۇلدى؛1988 - يىلى1 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن10 نۆۋەتلىك «يۈزلۈك مۇكاپاتى» دا، يەنە ئىككى تۈردىكى ئالاھىدە مۇكاپات تەسىس قىلىندى. «يۈزگۈل مۇكاپاتى» نىڭ مۇكاپات بۇيۇمى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن گۈل ئىلاھى. ئۇ كىنو − ئەدەبىيات - سەنئەت گۈلزارىدىكى بىر گۈل دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو مۇكاپاتى ۋە كىنو فېستىۋالى