تېلېۋىزىيە
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
ئىنگلىزچە noisivelet (تېلېۋىزىيە) دېگەن سۆز گرېكچە elet (يىراق جايدىن، يىراقتىكى) بىلەن لاتىنچە oisiV (كۆرۈش) دىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ مەنىسى يىراقتىن تارقىتىپ كۆرىدىغان كۆرۈنۈش دېگەنلىك.
تېلېۋىزىيە يېڭى پەيدا بولغان مەزگىللەردە، ئاساسلىقى تىياتىر نومۇرلىرىنى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىپ، تېلېۋىزور ئېكرانىدا قويۇپ تارقاتقان. كىشىلەر ئۇنى ئائىلە مۇھىتى ئىچىدە كۆرگەنلىكتىن، «ئائىلىدىكى تىياتىر» دەپ ئاتىغان. كېيىن، تېلېۋىزوردا كىنومۇ قويۇلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇنى «كىچىك كىنو» ياكى «تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى كىنو» دەپ ئاتىدى. كىشىلەر دەسلەپتە تېلېۋىزىيىنى سەنئەت ئەمەس، بەلكى ھەر خىل سەنئەت تۈرلىرىدىكى ئەسەرلەرنى «ئۆيگە ئەكېلىپ بېرىدىغان» بىر خىل زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسى دەپلا قارايتتى.
تېلېۋىزىيە كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ئۇسۇلنى تەدرىجىي تېپىۋالدى، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جەلپكارلىقى بولغان تىل شەكلىنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. ئۇ، كىنوغا سېلىشتۇرغاندا، بىزگە تېخىمۇ يېقىن تۇرىدۇ، ھەممىنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يۈز بېرىۋاتقان چوڭ - كىچىك ۋەقەلەرنى مىليونلىغان تاماشىبىنغا توغرا، تېز سۈرئەتتە، بىۋاسىتە ئىنكاس قىلىپ بېرەلەيدۇ، دۇنيانىڭ ئۇ چېتى بىلەن بۇ چېتىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى بىرلا ۋاقىتتا بىر كۆرۈنۈشتە كۆرسىتەلەيدۇ. چەت ئەلدىكى «ياۋروپا» ناملىق بىر ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرى بىر توپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن: «كىنو بىلەن تېلېۋىزىيە زادى قايسى جەھەتلەردىن پەرقلىنىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، بالىلار: «كىنودىكى ئادەملەر بىر - بىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ، لېكىن تېلېۋىزوردىكى ئادەملەر بىزگە قاراپ سۆزلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك، ئۇلار تېلېۋىزىيىنىڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈزمۇيۈز بىۋاسىتە سۆھبەتلىشەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتىپ بېرەلىگەن. بولۇپمۇ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارتىلغان، رىياسەتچى ئوتتۇرىغا چىققان تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا بۇ خىل يۈزمۇيۈز سۆھبەتلىشىش تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، نەتىجىدە تاماشىبىنلار ئىنتايىن يېقىنلىق، تەبىئىيلىك، باراۋەرلىك ۋە ئازادىلىك ھېس قىلىدۇ.
تېلېۋىزىيە كىنودا تاپقىلى بولمايدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى كۆرۈش قۇلايلىق. كىنو كۆرگەندىكىدەك كىنوخانىغا بېرىشمۇ ھاجەتسىز؛ قاناللارنى ئىختىيارىي يۆتكەپ، خالىغان نومۇرلارنى تاللاپ كۆرۈشكە بولىدۇ؛ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ھەجمى چوڭ. بەزى كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى يۈز نەچچە قىسىمغا يېتىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ؛ ئۇ يەنە بىرقەدەر جانلىق بولۇپ، ھەربىر قىسىم مۇستەقىل ۋەقە بولۇپمۇ تۇرالايدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر تېلېۋىزىيىنى كىنونىڭ رىقابەتچىسىگە ئايلاندۇرغان.