UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىكىنونىڭ پەيدا بولۇشى

كىنونىڭ پەيدا بولۇشى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى 1895 - يىل12 - ئاينىڭ28 - كۈنى پارىژدىكى بىر قەھۋەخانىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە «پويىز ۋوگزالغا كەلدى، سۇ چېچىۋاتقان باغۋەن، بوۋاقنىڭ چۈشلۈك تامىقى، لومېز زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسى» قاتارلىق10 فىلىم تۇنجى قېتىم قويۇلدى، مانا شۇ كۈن كىنونىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈنى ئىدى. كىنو ھەرىكەتچان سۈرەتكە تارتىشتىن بارلىققا كەلگەن.1878 - يىلى ئامېرىكىلىق فوتوگراف مايبورىچ ئات چېپىۋاتقان چاغدا، ئۇنىڭ تۆت پۇتىنىڭ يەردىن تەڭ كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئات چاپىدىغان يول بويىغا ئارىلىقنى ئوخشاش قىلىپ12 ئۆي سالدۇرغان، ھەربىر ئۆيگە بىر دانە سۈرەت تارتىش ئاپپاراتى ئورناتقان ھەمدە زاتۋور كۇنۇپكىسىغا يىپ باغلاپ، يىپنى يول ئۈستىگە توغرىسىغا تارتىپ قويغان. ئات چېپىپ كېلىپ ھەربىر يىپنى ئۈزگەندە، بىر پارچە سۈرەت تارتىلغان. كېيىنچە، ئۇ مۇشۇ خىل ئۇلاپ سۈرەتكە تارتىش تەجرىبىسىنى40 دانە ئاپپاراتتا ئىشلەپ باققان.1880 - يىلى مايبورىچ ئۇلاپ تارتىلغان ئاشۇ سۈرەتلەرنى پرويېكتوردا قويۇپ سىناپ كۆرگەن. بۇ چاغدا بىر پارچە - بىر پارچىدىن كۆرگەندە جىم تۇرغان ئات تېز سۈرئەتتە چېپىۋاتقان ئاتقا ئايلانغان.1888 - يىلى فرانسىيىلىك فىزىئولوگ مەيېر ئۇلاپ سۈرەتكە تارتقىلى بولىدىغان بىر خىل «سۈرەت تارتىش مىلتىقى» نى تۇنجى كەشىپ قىلغان. ئۇ يورۇقلۇققا سەزگۈر دورىنى ئايلىنىپ تۇرۇپ سۈرەتكە ئالىدىغان ئۇزۇنچاق قەغەزگە سۈركەپ قويۇپ، چايكىنىڭ پەرۋاز قىلىۋاتقىنىنى، ھايۋانلارنىڭ يۈگۈرۈشىنى ئۇلانما سۈرەت قىلىپ تارتقان.1889 - يىلى ئېدىسون «كىنو ئەينىكى» نى كەشىپ قىلدى. بۇ ئەينەك بىر چوڭ ئىشكاپقا ئوخشايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان ئەينەك، ئىچىگە ئون نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆشۈكلۈك پليونكا ئورنىتىلغانىدى. پليونكىنىڭ ئىككى ئۇچى تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر گۇرۇپپا غالتەك ئۈستىدە ئايلىنىپ تۇراتتى. ماتور ھەرىكەتلەنگەندە، پليونكا سېكۇنتىغا46 رامكىلىق سۈرئەت بىلەن ئايلانغان ھالدا ئېكرانغا كىنو قويۇلاتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، فرانسىيە لىئون سۈرەت تارتىش ئۈسكۈنىلەر زاۋۇتىنىڭ خوجايىنلىرى ئاكا - ئۇكا لومېرلار ئېدىسون كەشىپ قىلغان «كىنو ئەينىكى» نىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ياساپ چىققان «ئۇلاپ كۆرۈش ئاپپاراتى» نى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى ئەڭ مۇكەممەل ھەرىكەتچان كىنو ئاپپاراتىنى ياساپ چىقتى. بۇ خىل سۈرەتكە ئالالايدىغان، قويالايدىغان، فىلىم يۇيالايدىغان ئاپپارات سېكۇنتىغا16 رامكىلىق سۈرئەت بىلەن سۈرەتكە ئالالايتتى، قويالايتتى، سۈرەتلەرنى ئېكرانغا چۈشۈرۈپ كۆرسىتەلەيتتى.1895 - يىل3 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئۇلار ئۆزلىرى سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن «لومېر زاۋۇتىنىڭ دەرۋازىسى» ناملىق فىلىمنى پارىژ پەن - تېخنىكا يىغىنىدا تۇنجى قېتىم قويدى،12 - ئاينىڭ28 - كۈنى تاماشىبىنلارغا رەسمىي قويۇپ كۆرسەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا بۇ كۈننى كىنونىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ ئېتىراپ قىلدى.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى
كىنونىڭ پەيدا بولۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki