تىلسىزلىقتىن كۆپ يوللۇق ستېرېئولۇق ئاۋازغىچە
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
كىنو تەرەققىي قىلىپ20 - ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە، ئاۋازسىز فىلىملەر راسا گۈللەندى. «مودا دەۋرى»، «<پوتيومكىن> ناملىق پاراخوت»، «ئانا»، «ئالتۇن قېزىش»، «دوكتور كالىگەرى» قاتارلىق تاكى بۈگۈنگىچە ئەتىۋارلىنىپ كېلىۋاتقان يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە فىلىملەر مەيدانغا چىقىپ، «بۈيۈك گاچا» دېگەن ئاتاققا ئېرىشتى.
«ئاۋازسىز كىنونىڭ بەدىئىي جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئىنتىلىشى ئاقىۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلدى.» چۈنكى، ئاۋازسىز فىلىمنىڭ كۆرۈش سېزىمى جەھەتتە كىشىلەرگە كۆرسەتكەن سۈرەتلىرى ياخشىلانغانسېرى، ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بولغان تەلەپ كۈچەيدى. پەن - تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. ئامېرىكا ۋارنېر شىركىتى ئالدى بىلەن ئاۋازلىق ناخشا - ئۇسسۇل فىلىمى «دون جۇئان» نى ئىشلىدى. بۇ فىلىم1926 - يىل8 - ئاينىڭ6 - كۈنى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.1927 - يىل10 - ئاينىڭ6 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ «جاز ناخشا شاھى» ناملىق فىلىمى مەيدانغا چىقىپ، بىر مەھەل ھۆكۈم سۈردى ھەم دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاۋازلىق كىنو دەپ ئېتىراپ قىلىندى.
كىنودىن ئىبارەت بۇ «بۈيۈك گاچا» نىڭ ئاخىر زۇۋانى چىقتى. بىراق، ئاۋازلىق كىنو يېڭىدىن پەيدا بولغان مەزگىلدە ئۈن ئېلىش تېخنىكىسى بىرقەدەر قالاق ئىدى. ئۈنئالغۇ ماشىنىسى بەك ئېغىر ھەم كېلەڭسىز بولغاچقا، ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدىغان ئايرىم بىر ئۆيگە ئورنىتىلاتتى، سۈرەتكە ئالىدىغان ئاپپاراتنى زادىلا مىدىرلاتقىلى بولمايتتى. مۇنداق ئەھۋالدا ئالاھىدە تېخنىكىلىق سۈرەتكە ئېلىش، ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىش ۋە كۆرۈنۈشنى ئالماشتۇرۇپ ئېلىش بەكمۇ قىيىن ئىدى. ھوللېۋودتىكى ھەرقايسى فىلىم ئىشلەش شىركەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ناخشا ۋە دىئالوگقا قىزىقىشىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ئوپېرا، درامىلارنى ئېكرانغا چىقاردى، ئاخىرىدا كۆپلىگەن كىنولار ئۇزۇنغا سوزۇلغان دىئالوگ، تۈگىمەس ناخشىلارغا تولۇپ، كىنونىڭ ئۆزىگە خاس مونتاژ ۋاسىتىسى يوقالدى، كۆرۈنۈشنى ئاۋاز قاپلىۋالدى.1933
- يىلى سۈرەت بىلەن ئاۋازنى تەڭ ئېلىش ئاۋازنى كېيىن ئېلىشقا ئۆزگەرتىلدى، سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىنىڭ ھەرىكەتچانلىقى ئەسلىگە كەلدى، بىر مەھەل يىتۈپ كەتكەن مونتاژ يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. يەنى، كۆرۈنۈشلەرنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇشتىن ھالقىپ، ئاۋاز، دىئالوگلارنى بىر تەرەپ قىلىشقىچە كېڭەيتىلدى. ئاۋازلىق كىنو ئاخىر پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قاراتتى.
كىنو «گاچىنىڭ تىلى چىققان» باسقۇچتىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېخىمۇ ئىلغار تەرەپكە قاراپ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى.1937 - يىلىدىن باشلاپ ستېرېئولۇق ئاۋاز مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭدا كىنودىكى دىئالوگ ۋە ھەر خىل ئاۋازلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا لېنتىغا ئېلىنىپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئالدىن كۆزلىگەن بەدىئىي ئۈنۈمگە ئاساسەن تۆت يوللۇق ياكى كۆپ يوللۇق ئاۋاز يوللىرىغا ئايرىلدى. كىنو قويۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەك ئېكراننىڭ كەينىدىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىياج بويىچە چىقىدىغان، ئايروپىلاننىڭ ئاۋازى تاماشىبىنلارنىڭ بېشىدا گۈركىرەيدىغان، مىلتىق ئاۋازلىرى ھەممە تەرەپتىن كېلىدىغان، بوش ئاۋازدا پىچىرلاشقان گەپلەر تاماشىبىنلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنىدىغان بولدى. قىسقىسى، ئاۋاز ئاخىر ستېرېئولۇق بىر دۇنياغا ئايلىنىپ، تاماشىبىنلاردا خۇددى نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇنى پەيدا قىلدى.