UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىجانلىق، تەسىرلىك خىيالىي دۇنيا

جانلىق، تەسىرلىك خىيالىي دۇنيا

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى كىنو دۇنياسىدىكى بارلىق ئىشلار خۇددى كىشىلەر تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان رېئال دۇنياغا ئوخشاش جانلىق، تەسىرلىك بولىدۇ. كىنودا يەنە ئىچكى مەزمۇن، ئىچكى تەسۋىر، ئىدىيە ۋە كەيپىياتلار بار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ھېسداشلىق قىلىش، غەزەپلىنىش، قاتتىق خۇشاللىنىش قاتارلىق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كىشىلەر كىنو كۆرۈۋاتقان چاغدا، تەبىئىيلا كىنودىكى جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى بىلەن ئۆزى رېئال دۇنيادا ئۇچراتقان خىلمۇخىل ئىشلارنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق پايدىلىق ئىلھامغا ئېرىشىدۇ. كىنودىكى ھەرقانداق بىر ئوبراز، گەرچە تاشقى جەھەتتىن رېئاللىققا بەك ئوخشىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يورۇق ۋە قاراڭغۇ، رەڭ ۋە نۇر سىزىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئېكران ئوبرازى ھەمدە سۈنئىي ياسالغان رېئاللىقتىنلا ئىبارەت. ئۇ دائىم كىشىلەر رېئال تۇرمۇشتا ئېرىشىش ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولغان ئىشلارنى ئېكراندا نامايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە خۇشاللىق، راھەت - سېزىم ۋە قانائەت ئاتا قىلىدۇ. تاماشىبىنلار كىنوخانىدا ئولتۇرۇپ فىلىمدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان چاغدا، گويا كىنو ئىشلىگۈچىلەر لايىھىلەپ تەييارلىغان يېڭى ئالەم، يېڭى مۇھىت، يېڭى تۇرمۇشقا كىرگەندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، كىنو كۆڭۈل ئېچىش، تەربىيىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە خىيالىي دۇنيا دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى
جانلىق، تەسىرلىك خىيالىي دۇنيا | UyghurWiki | UyghurWiki