UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىئەركىن - ئازادە كېڭىيەلەيدىغان كىنو بوشلۇقى

ئەركىن - ئازادە كېڭىيەلەيدىغان كىنو بوشلۇقى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى كىنونىڭ بوشلۇقى − پۈتۈن ئالەم. ئۇ ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق بارلىق بوشلۇقلارنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. شىمالىي قۇتۇپتىن ئېكۋاتورغىچە، قىيان، دېڭىز دولقۇنى، ئىپتىدائىي ئورماندىن ئۇچار قانات، يىرتقۇچ ھايۋان، مىكرو ئورگانىزمغىچە، ھەتتا ئادەمنىڭ خىيالى، چۈشىگىچە … ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. كىنو بوشلۇقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ چىنلىقىدۇر. شىددەتلىك دولقۇنلاۋاتقان دېڭىزدا بىر لەھەڭ شۇڭغۇپ كەلدى - دە، بېلىقچى قولۋىقىنى سوقۇپ پارچە - پارچە قىلىۋېتىپ، ئادەملەرنى يۇتۇۋەتتى. سۇ يۈزى قىپقىزىل قانغا بويالدى … كىشىلەر بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە، ھادىسە كۆز ئالدىدا راست يۈز بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، قورققىنىدىن يۈرىكى جىغىلداپ كېتىدۇ. كىنونىڭ ئىشەندۈرۈشچانلىقىغا باشقا ئىپادىلەش سەنئەتلىرى ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ. لېكىن، كىنو بوشلۇقى رېئال بوشلۇقنىڭ قايتا كۆرۈنۈشى ئەمەس. كىنودا بارلىق بوشلۇق تۇيغۇسى مەلۇم ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىككە ئىگە تەكشى ئېكراندا ئىپادىلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ كىنودىكى چىنلىقنى ئېتىراپ قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، كىنو ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىكى خاتا تۇيغۇدىن پايدىلىنىدۇ. تەكشى ئېكران ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكنىلا ئىپادىلەپ قالماستىن، بەلكى ھەممە تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەن ھەر خىل بوشلۇق تۇيغۇلىرىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. كىنو مانا مۇشۇنداق چىن بوشلۇقنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە ساختا بوشلۇقنىمۇ يارىتالايدۇ. مەسىلەن، ئالدىنقى كۆرۈنۈش راست مەنزىرە، بىر ئادەم ئېگىز بىناغا كىرىۋاتىدۇ؛ كېيىنكى كۆرۈنۈش يالغان مەنزىرە، ئۇ ئادەم سۈرەتكە ئېلىش زالىدىكى دېكوراتسىيىلەردىن قۇراشتۇرۇلغان كاتتا مېھمانخانا ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. ئىككى كۆرۈنۈشنى ئۇلاپ قويسا، تاماشىبىنلار بىر جاي دەپ ئىشىنىدۇ. ئەسلىدە ئۇ ئېگىز بىنادا كاتتا مېھمانخانا مەۋجۇت ئەمەس. بۇ پەقەت كىنودىكى كېسىپ ئۇلاش ۋاسىتىسىنىڭ ئېكراندا پەيدا قىلغان بوشلۇق ئۈنۈمى. بۇ خىل ساختا بوشلۇق يەنىلا تاماشىبىنلارنىڭ كۆرۈش سېزىمىدىكى خاتا تۇيغۇدىن پايدىلانغان. قىسقىسى، كىنو بوشلۇقى دائىم كىچىكنى چوڭغا، يىراقنى يېقىنغا، ئازنى كۆپكە، ئاددىينى مۇرەككەپكە ئايلاندۇرالايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن «<پوتىيۇمكىن> ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى» ناملىق فىلىمدە كىنو بوشلۇقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈردە پايدىلىنىلغان. فىلىمدە مۇنداق بىر مەيدان ۋەقەلىك بار: چارروسىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. يەرلىك ئامما ئۇلارنى قىزغىن قوللاپ، ئودېسسا پورتىدىكى پەلەمپەيگە يىغىلىدۇ. بۇ چاغدا چار پادىشاھنىڭ ھەربىي ۋە ساقچىلىرى كېلىپ ئۇلارنى باستۇرىدۇ، ۋەھشىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ھەممە يەرنى قانغا بويايدۇ. فىلىم بۇ ۋەقەلىكنى ئىپادىلەشتە ئودېسسادىكى پەلەمپەيلەرنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشىنى باشتىن - ئاياغ كۆرسەتمەيدۇ، ئېكراندا خەلق ئاممىسىنىڭ پەلەمپەي ئۈستىدە پاتىپاراق بولۇپ كەتكەنلىكى، چار پادىشاھ ئەسكەرلىرىنىڭ بېسىپ كېلىۋاتقان قەدىمى ۋە مىلتىق ئېتىۋاتقانلىقى كىچىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىقلا تەكرار ئىپادىلىنىدۇ. بۇ141 كىچىك كۆرۈنۈش كىشىلەرگە ئودېسسا پورتىدىكى پەلەمپەيلەرنىڭ ئاخىرىغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقى، بۇ پەلەمپەيلەرنىڭ چارروسىيە ھەربىي ۋە ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ شاھىتى ھەمدە چار پادىشاھ ياۋۇزلۇقىنىڭ بەلگىسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تۇيغۇنى بېغىشلايدۇ. كىنودا كۆرۈنگەن ئودېسسا پورتىدىكى پەلەمپەيلەر رېئاللىقتىكى بوشلۇق ئەمەس، بەلكى ۋەقەلىك تۈپەيلى پەيدا بولغان كۆڭۈلدىكى بوشلۇق.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى
ئەركىن - ئازادە كېڭىيەلەيدىغان كىنو بوشلۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki