UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىئالاھىدە تەرتىپكە ئىگە كىنو ۋاقتى

ئالاھىدە تەرتىپكە ئىگە كىنو ۋاقتى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى كىنونىڭ ۋاقتى ئۈچ خىل مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى خىلى، كىنونىڭ قويۇلۇش ۋاقتى، يەنى فىلىمنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا قارىتىلغان. قويۇلۇش ۋاقتىنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچىمى100 مىنۇت بولىدۇ. ئىككىنچى خىلى، ۋەقەلىكنىڭ ئىپادىلىنىش ۋاقتى، يەنى فىلىمدىكى ھېكايىنىڭ جەريانىغا قارىتىلغان. بىر فىلىمنىڭ قويۇلۇش ۋاقتىغا چەك قويغىلى بولىدۇ. ئەمما، ۋەقەلىكنىڭ ئىپادىلىنىش ۋاقتىغا چەك قويغىلى بولمايدۇ. ئۇ، بىر كېچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا بىرنەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى ئىپادىلىسىمۇ بولىدۇ. «شاۋلىن ئىبادەتخانىسى» فىلىمىدە، راھىب جۆيۈەننىڭ باھار، ياز، كۈز، قىش تۆت پەسىل توختىماي مەشىق قىلغان بىر يىل ۋاقتى چېچەك، تومۇز كۈن، غازاڭ، قاردىن ئىبارەت تۆت كۆرۈنۈش بىلەنلا ئىپادىلەنگەن. دېمەك، ۋەقەلىكنىڭ راۋاجلىنىش ۋاقتى بىلەن كىنونىڭ قويۇلۇش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. ئۈچىنچى خىلى، تاماشىبىنلارنىڭ كۆڭلىدە ھېس قىلغان ۋاقتى. بۇ خىل ۋاقىت ئالدىنقى ئىككى خىلغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ، فىلىمنىڭ بەدىئىي قىممىتى، تاماشىبىنلارنىڭ ئېستېتىكىلىق زوقى ھەمدە ئېستېتىكىلىق غايىسىگە باغلىق بولىدۇ. مەسىلەن، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان، قىينايدىغان فىلىملەرنى كۆرگەندە بەك ئۇزۇن تۇيۇلىدۇ؛ كىشىنى خۇش قىلىدىغان، كۆڭۈللۈك فىلىملەرنى كۆرگەندە ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلىنمەيلا قالىدۇ. كىنو − ۋاقىت ئۇقۇمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قالماستىن، بەلكى نورمال ۋاقىتنىمۇ تېخنىكا - ماھارەت ئارقىلىق ئۇزارتالايدۇ، قىسقارتالايدۇ. ۋاقىتنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇلى ئۈچ خىل، بىر خىلى، كۆرۈنۈشنى كۆپەيتىپ بىر شەيئىنىڭ ھەرىكىتىنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن سۈرەتكە ئېلىش، ئاندىن ئۇنى گۇرۇپپىلاشتۇرۇپ ئۇلاش ئارقىلىق ۋەقەلىكنىڭ ۋاقتىنى بىرنەچچە ھەسسە ئۇزارتقىلى بولىدۇ. يەنە بىر خىلى، بىر ھەرىكەتنى ئۇدا تەكرارلاش ئارقىلىق مۇرەككەپ ھېسسىياتلارنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، «دالا» فىلىمىدە، چۇ خۇ داشىڭنى پىچاق سېلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆيدىن تالاغا چىققان ھەرىكەت ئۈچ قېتىم تەكرارلانغان، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلى ئالاقزادە بولۇۋاتقانلىقى، گەرچە قىساس ئالغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچى ئۇنىڭ ھەقىقىي رەقىبى بولمىغانلىقتىن، ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر خىلى، تېز سۈرئەتتە سۈرەتكە ئېلىش، يەنى «ئاستىلىتىلغان ھەرىكەت»، بۇمۇ نورمال ۋاقىتنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. ۋاقىتنى قىسقارتىشنىڭ ئۇسۇلى ئاساسەن ئېلىپ تاشلاش ۋە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سۈرەتكە ئېلىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، چاپلىن «مودا دەۋرى» فىلىمىدە، ئادەمنى ماشىنىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ھەيران قالارلىق ئۈنۈمنى ئىپادىلىگەن، ماشىنىدا مەشغۇلات قىلغان ھەرىكەت نورمال ۋاقىتقا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى تېز بولغان. ئالاھىدە تەرتىپكە ئىگە ۋاقىت باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان، پەقەت كىنونىڭلا خاس ئالاھىدىلىكى بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ رەڭدارلىقىنى ئىپادىلەشكە زور ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى