UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىجۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى

جۇڭگو كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى كىنو پەيدا بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، بىر خىل «يېڭىلىق» جۇڭگوغا كىرگۈزۈلدى.1896 - يىل8 - ئايدا شاڭخەيدىكى شۈييۈەن «يەنە بىر كەنتى» دە قويۇلغان «غەرب كىنو ئويۇنى» جۇڭگودا تۇنجى قويۇلغان كىنو ھېسابلىنىدۇ. شۈييۈەندە قىسقا فىلىملەر كۆڭۈل ئېچىش نومۇرلىرى ئورنىدا دائىم قويۇلۇپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا «سېھىرگەرلىك»، «ئوت چىقىرىش» قاتارلىق سېرك نومۇرلىرى قىستۇرۇلاتتى. جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم كىنو ئىشلىشى1905 - يىلى باشلانغان، ئەينى چاغدا بېيجىڭدىكى فېڭتەي سۈرەتخانىسى مەشھۇر جىڭجۈي تىياتىرى ئاكتيورى تەن شىنپېي باش رول ئالغان «دىڭجۈن تېغى» فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىپ پۈتكۈزدى. بۇ فىلىم جەمئىي ئۈچ چاس ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، جاڭ شېچۈەن، جېن جېڭچيۇ قاتارلىق كىشىلەر شىنمىن شىركىتىنى قۇردى ھەمدە ئامېرىكىلىقلار باشقۇرۇۋاتقان ئاسىيا كىنو - تىياتىر شىركىتىنى كۆتۈرە ئېلىۋېلىپ كىنو ئىشلەشكە باشلىدى.1913 - يىلى جېن جېڭچيۇ «بەختسىز ئەر - خوتۇن» (يەنە بىر ئىسمى «توي كېچىسى») ناملىق سېنارىيىنى يازدى، شۇنداقلا جاڭ شېچۈەن بىلەن بىللە رېژىسسورلۇق قىلىپ، تۆت چاس فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقاردى. مانا بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ تۇنجى قىسقا ھېكايە فىلىمى. فىلىمدە بىر - بىرىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان بىر جۈپ قىز - يىگىت ئاتا - ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى ۋە دەللالنىڭ گېپى بىلەنلا مەجبۇرىي توي قىلغانلىقىدەك ۋەقە تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق نامۇۋاپىق فېئوداللىق نىكاھ تۈزۈمىگە زەربە بېرىلگەن.1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرى قەدەممۇقەدەم روناق تاپتى. بۇرۇندىن كىتاب نەشر قىلىپ كېلىۋاتقان سودا ئىشلار نەشرىياتى1917 - يىلى كىنو - تىياتىر بۆلۈمى قۇرۇپ، كىنو ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇلار سۈرەتكە ئالغان بىر قىسىم مەنزىرە فىلىمى، ۋەزىيەت فىلىمى، شىچۈي تىياتىر فىلىمى، تەربىيىۋى فىلىملەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇ چاغدىكى مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىشلەنگەنىدى.20 - يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە شاڭخەيدە تۇنجى تۈركۈم ئۇزۇن ھېكايە فىلىم بارلىققا كەلدى. «يەن رۈيشېڭ، دېڭىز قەسىمى، قىزىل ئۇپىلىق ئىسكىلىت» ناملىق كىنولار ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.20 - يىللاردا شاڭخەيدە كۆپلىگەن چوڭ - كىچىك كىنو شىركەتلىرى قۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلىمى چوڭراقلىرى «چولپان، تيەنيى، ليەنخۇا» شىركەتلىرى ئىدى.30 - يىللاردىن40 - يىللارغىچە جۇڭگونىڭ ئىلغار ئىدىيىدىكى كىنو خىزمەتچىلىرى بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر فىلىملەرنى ئىشلىدى. ئۇلار «ئاچا - سىڭىللار گۈلى، كىچىك نەرسە، بېلىقچىلار كۈيى، يېڭى ئاياللار، داغدام يول» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەي چۇشېڭ سېنارىيە يېزىپ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىم «بېلىقچىلار كۈيى» 193 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كىنو فېستىۋالىدا «شەرەپ مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. بۇ جۇڭگو كىنوسىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ كىنو ئىشلىرىدا زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق فىلىملەردىن »سەككىز مىڭ چاقىرىملىق يولدىكى بۇلۇت ۋە ئاي« (ئاپتورى ۋە رېژىسسورى شې دۇڭشەن)، »باھار سۈيى شەرققە قاراپ ئاقتى« (سەي چۇشېڭ بىلەن جېڭ جۈنلى بىرلىشىپ يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان)، «مىليونلىغان چىراغلار» (ياڭ خەنشېڭ بىلەن چېن فۇ يازغان ۋە رېژىسسورلۇق قىلغان)، «سەرگەردان سەن ماۋ» (يەن گۇڭ رېژىسسورلۇق قىلغان)، «قاغا بىلەن قۇشقاچ» (چېن بەيچىن يازغان، جېڭ جۈنلى رېژىسسورلۇق قىلغان) قاتارلىقلار بار. كېيىنچە، جۇڭگو كىنوچىلىقى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، سان ۋە بەدىئىي سۈپەت جەھەتتە زور يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى