چولپان ھادىسىسى
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
كىنو - تېلېۋىزىيە سەنئىتى كىنو - تېلېۋىزىيە چولپانلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەمما، ئۇلار سەنئەت كاتېگورىيىسىدىن ئېشىپمۇ كېتىدۇ. تاماشىبىنلار چولپانلارغا چوقۇنىدۇ، مەپتۇن بولىدۇ. خېلى كۆپ مەنىدىن ئېيتقاندا، چولپانلار جەمئىيەتنىڭ كەيپىياتى، ھەرىكەت ئۈلگىسى ھەمدە كىيىم ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئەڭ بۇرۇنقى چولپان تۈزۈمىنى1910 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كىنو ئاكتيورلۇقى ئانچە شەرەپلىك كەسىپ ھېسابلانمايتتى، جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايتتى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن تېخىمۇ گەپ ئاچقىلى بولمايتتى. شۇڭا، كىنو ئاكتيورلىرى ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسىنى ئىشلەتمەيتتى.1910 - يىلى ھوللېۋودتىكى سەككىز چوڭ شىركەتنىڭ بىرى بولغان يەر شارى شىركىتى ئىنتايىن يۇقىرى تەمىنات ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن فلورېنس لاۋرېنسنى ھوللېۋودنىڭ تۇنجى چولپىنى قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئاكتيورلار، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، رېژىسسورلار ۋە ئوپېراتورلار جەمئىيەتنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشىپ، مۇئەييەن تىپقا ئىگە مەبۇدقا ئايلاندى، كىشىلەرگىمۇ سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىغان بولدى. مەسىلەن، مارى پىكفورد كۆڭلى سۇنۇق، نازۇك ئاياللارنىڭ رولىنى ئېلىپ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى. جون ۋاين مەخسۇسلا غەرب پادىچىلىرىنىڭ رولىنى ئالغانلىقتىن، تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ئۇستا مەرگەنگە ئايلاندى. تولا ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرايدىغان قەھرىمان پېرسوناژ ھامفرى بوگېرت قەيسەر ۋە سۈرلۈك خۇسۇسىي رازۋېدچىكنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئالىقانات ئوبرازىدىكى ئىرول فليىن، ئەزىمەت ئوبرازىدىكى جامېس كاگنېي، شاللاق ئايال ئوبرازىدىكى رىتا خەيۋورت ھەمدە پەزىلەتلىك ۋە قابىل كىشى ئوبرازىدىكى كىزېرىن خېفرىنلار تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئوبرازلارنى ياراتتى.
تاماشىبىنلار قەلبىدىكى چولپان بىلەن فىلىم ئىشلەش سودىگەرلىرى تىكلىگەن چولپان پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بىر كىنو - تېلېۋىزىيە ئاكتيورى تاماشىبىنلار ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئاكتيور بولۇش ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ تىرىشىشى، كىنو - تېلېۋىزىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى، ئاكتيورلۇق ماھارەتلىرىنى قاتتىق مەشىق قىلىشى، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان خىلمۇخىل ئېكران ئوبرازلىرىنى يارىتىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە چولپانغا چوقۇنۇش قىزغىن كەيپىياتى ئىچىدە مېڭىسىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاكتيورلۇق سەنئىتىنىڭ يېڭى، يۇقىرى پەللىسى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، خەلق ئاممىسى قىزغىن سۆيىدىغان ھەقىقىي سەنئەتكارغا ئايلىنىشى زۆرۈر.