UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىتېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى

تېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى تېلېۋىزىيىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىياتى ئومۇمەن تۆت باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈرگەن.1817 - يىلىدىن1927 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت تېلېۋىزىيىنىڭ تۆرەلمە ۋە تۇغۇلۇش مەزگىلى. ئىنسانلارنىڭ تېلېۋىزور ياساشنى تەتقىق قىلىشى ئەسلىدە كىنودىنمۇ بۇرۇن باشلانغان. بىراق، ئېلېكترون تېخنىكا شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن تېلېۋىزور ياساشنى تەتقىق قىلىش توختاپ قالغان، كىنو ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، كۆرۈش - ئاڭلاش سەنئىتىنىڭ ئاكىسىغا ئايلانغان.1817 - يىلى شۋېتسىيە ئالىمى بېرلې تېلېۋىزورنىڭ مۇھىم خام ماتېرىيالى «سېلىن» نى بايقىدى.1873 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ ئېلېكترونكا ئالىمى جوزىف ماي «سېلىن» نىڭ ئوخشاش بولمىغان سپېكترنى سېزەلەيدىغان، نۇرنى ئېلېكترغا ئايلاندۇرالايدىغان ھەمدە ئېلېكترونلۇق سىگنال ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ سۈرىتىنى تارقىتالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقتى. مانا بۇ تېلېۋىزور ھەققىدىكى ئەڭ دەسلەپكى ئىزدىنىش ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، فرانسىيىلىك ئېلېكترىك ئاپپارات ئىنژېنېرى گابرىللى تەسۋىر يېيىش قائىدىسىنى كەشىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيىلىك بىر قىسىم ئالىملار ئىپتىدائىي تېلېۋىزىيە تارقىتىش سىستېمىسى توغرىسىدا ئىزدەندى ھەمدە سكاننېر پلاستىنكىسىنى كەشىپ قىلدى.1923 - يىلى زۋالى تېلېكامېرانى كەشىپ قىلدى،1927 - يىلى فرانسىيىلىك فىزىل بەرزېرىمى دۇنيا بويىچە تۇنجى تېلېۋىزورنى قۇراشتۇرۇپ ياساپ چىقتى.1928 - يىلى سكاننىكتاردىكى بىر رادىئو ئىستانسىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم تېلېرادىئودا تارقىتىش ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ تارقاتقان سۈرەتلىرى گەرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، كىشىلەرنى ئالاھىدە قىزىقتۇردى.1929 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرى تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئارقىلىق ئاۋازسىز سۈرەتنى سىناق قىلىپ تارقىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ تېلېۋىزور ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىردى. كېيىنچە، ئالىملار يەنە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق فوتو ئېلېكترىك كىنېسكوپ (تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانى) نى ياساپ چىقىپ، سۈرەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنى خېلى ئۆستۈردى، نەتىجىدە تېلېۋىزورنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى.1929 - يىلىدىن1954 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت رەڭسىز تېلېۋىزور باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ باسقۇچتا بىۋاسىتە تارقىتىش ئاساس قىلىندى. بىۋاسىتە تارقىتىشتا تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى، بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى رەتلەپ تەييارلاش نۇرغۇنلىغان چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقتىن، كىنو - تىياتىرلارنى ۋاسىتىلىك تارقىتىشقا تايانماي بولمىدى. چۈنكى، بۇ تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ قېرىنداش سەنئەت تىياتىر ۋە كىنونىڭ قۇۋۋىتىنى قوبۇل قىلىش مەزگىلى بولۇپ، تېخى ئۆزى مۇستەقىل ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولمىغانىدى.1955 - يىلىدىن1962 - يىلىغىچە بولغان ۋاقىت رەڭلىك تېلېۋىزور باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. رەڭ سۈرەت ئۇچۇرلىرىنىڭ چىنلىقىنى ساقلاش دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. تېلېۋىزىيە ئىلگىرىكى تىياتىر - كىنولارنى ئۈلگە قىلىش ئاساسىدا مۇستەقىل يول ئېچىپ مېڭىشقا باشلىدى، بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچى ئالاھىدە كۈچەيدى. شۇنىڭدىن باشلاپ تېلېۋىزىيە مۇستەقىل ئۇسلۇبقا ئىگە بولدى.20 - ئەسىر60 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ۋاقىت تېلېۋىزىيە تەرەققىياتىنىڭ تۆتىنچى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.50 -،60 - يىللارنى تېلېۋىزىيە ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى بولغان، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىشنى ئاساس قىلىپ كۆپ تورلۇق تارقىتىشقا قەدەم قويغان مەزگىل دېيىشكە بولىدۇ. تېلېۋىزىيە ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا، ئالايلۇق، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ئىنسانلارنى ئېلېكترون سۈرەت بىلەن يېزىق - بەلگە تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان دەۋرگە ئېلىپ كىردى. بەزىلەر تېلېۋىزىيىنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھاياتىدىكى تۆت مۇھىم ئامىل (ئاپتاپ، ھاۋا، سۇ ۋە تېلېۋىزىيە) نىڭ بىرى دەپمۇ ئاتىغان.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى