مونتا ژنىڭ «ئالاھىدە ئىقتىدارى»
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
مونتاژ دېگەن سۆز ئەسلىدە فرانسۇزچە «قۇراشتۇرۇش» دېگەن سۆزدىن كەلگەن. ئۇ، كىنودا فىلىمنى كېسىپ ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرىدىغان بەدىئىي ۋاسىتىدۇر.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر رېژىسسورى كۇرىشوف مۇنداق بىر تەجرىبە ئېلىپ بارغان: ئۇ بىر ئايال ئاكتيورنىڭ ھېسسىياتسىز چىرايىنى سۈرەتكە ئالغان، ئاندىن ئۇنى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ كۆرۈنۈشنىڭ ئالدىغا ئايرىم - ئايرىم ئۇلاپ قويغان. بىرىنچىسى، بىر چىنە قىزىق شورپا؛ ئىككىنچىسى، قازا قىلغان موماي؛ ئۈچىنچىسى، بىر كىچىك بالا ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش. ئۈچ كۆرۈنۈشنى قويۇپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، كۆپچىلىك، بۇ ئاكتيور ياخشى ئورۇنداپتۇ دەپ ماختىغان. بىرىنچى گۇرۇپپا كۆرۈنۈشتە، ئاكتيور گويا بىرقانچە كۈن ئاچ قېلىپ، بىر چىنە شورپىنى كۆرگەندە ھاپىلا - شاپىلا ئىچىۋېتىشنى ئويلاۋاتقاندەك ئىزتىراپلىق كەيپىياتى دەل جايىدا ئىپادىلەنگەن؛ ئىككىنچى گۇرۇپپا كۆرۈنۈشتە، بۇ ئاكتيورنىڭ قازا قىلغان ئانىسىغا قاراپ قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن. ئۈچىنچى گۇرۇپپا كۆرۈنۈشتە، ئاكتيورنىڭ مېھىر - شەپقىتى، يەنى بالىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئانىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلەنگەن. بۇ بىر كۆرۈنۈشنى ئوخشاش بولمىغان يەنە بىر كۆرۈنۈش بىلەن ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرسا، تاماشىبىنلاردا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر تۇيغۇ ۋە ئوي - پىكىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. مانا بۇ، مونتاژنىڭ ئىقتىدارى. بىر كۆرۈنۈشتە بىر مەزمۇن بولىدۇ، ئىككى كۆرۈنۈشنى ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرسا، ئۈچىنچى خىل مەزمۇن ھاسىل بولىدۇ.
مونتاژنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ، ئاساسلىقى سېلىشتۇرما مونتاژ بىلەن پاراللېل مونتاژ. »ئەكس نۇر« ناملىق فىلىمدىكى بىر كۆرۈنۈشتە، شيايىنيىن ئېگىز بىنادىن چىقىدۇ - دە، ئاق كۆڭۈل يىگىت لياۋ شىڭمىڭ بىلەن بىللە بەكمۇ قىستا - قىستاڭ، ناھايىتى خارابە بىر مەھەللىگە كېلىدۇ. يەنە بىر كۆرۈنۈشتە، لياۋ شىڭمىڭنىڭ سىڭلىسى مىڭ يۈەن پۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا بىر كىشىنىڭ قىز دوستى بولۇشقا رازى بولىدۇ ھەمدە خارابە مەھەللىدىن چىقىپ، ھەشەمەتلىك جىنجياڭ رېستورانىغا كىرىپ كېتىدۇ. كېيىنكى كۆرۈنۈشتە، لياۋ شىڭمىڭنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ قىز دوستىنى چوكامۇز يېيىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆرۈنۈشتە، لياۋ شىڭمىڭنىڭ سىڭلىسى بىلەن ئۇنىڭ »يىگىتى« ھەشەمەتلىك تاماقخانىدا ئولتۇرۇپ غەربچە تاماقلارنى يەيدۇ … بۇ كۆرۈنۈشلەر سېلىشتۇرما قىلىنىش ئارقىلىق ئىككى ياشنىڭ تامامەن ئوخشاش بولمىغان ئىچكى دۇنياسى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ.
پاراللېل مونتاژ بىرلا ۋاقىتتا تەڭ يۈز بېرىۋاتقان بىرنەچچە يىپ ئۇچى ھەمدە بىرنەچچە ۋەقەلىكنى ئايرىم - ئايرىم بايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ گاھ بۇ تەرىپىنى، گاھ ئۇ تەرىپىنى كۆرسىتىپ، بىرقانچە خىل ھەرىكەتنىڭ تەڭ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەش نەتىجىسىدە زامان، ماكان گىرەلەشكەن قىسقارتىلما ئۈنۈم ۋە كۈچلۈك تەشۋىش پەيدا قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىستىئارە مونتاژ، پوئېزىيىلىك مونتاژ، ئەقلىي مونتاژ قاتارلىقلارمۇ بار. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە.
كۆرۈنۈش بىلەن كۆرۈنۈشنى ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرسا مونتاژلىق ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ، كۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئاپپاراتنىڭ ھەرىكىتى ياكى نەق مەيداندىكى نۇقتىلارنى بەلگىلەشتىنمۇ مونتاژلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭمۇ «سېلىشتۇرما، سىمۋول، پاراللېل، كىنايە» قاتارلىق شەكىللىرى بار. كىشىلەر ئادەتتە مۇشۇ خىل كۆرۈنۈش ئىچىدىكى ئالاھىدە ئۈنۈمنى ئىچكى مونتاژ دەپ ئاتايدۇ.