UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىئالاھىدە جەلپكار كىنو كۆرۈنۈشى

ئالاھىدە جەلپكار كىنو كۆرۈنۈشى

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى «كۆزگە ماروژنى يېگۈزەيلى، كۆڭۈلنى دىۋانغا ئولتۇرغۇزايلى»، كىنونىڭ كۆرۈش سېزىمىگە بېرىدىغان راھىتى بىلەن كۆڭۈلگە بېغىشلايدىغان لەززىتىنى بىر كىشى ئەنە شۇنداق تەسۋىرلىگەن. كىنو ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئالاھىدە جەلپكارلىققا ئىگە. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ھەممە ساھەسى تۇرمۇشنى ئوبراز ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن، ئەدەبىيات تىل - يېزىقنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆرسەتكەندىلا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوبراز ئايان بولىدۇ. لېكىن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ پەرقلەندۈرۈش، ھۇزۇرلىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن بۇ خىل ئوبرازنى چۈشىنىشى بىردەك بولمايدۇ. كىنو ئوبرازنى تاماشىبىنلارنىڭ ئالدىغا بىۋاسىتە ئەكېلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا تاماشىبىنلارنىڭ باش قاتۇرۇپ كېتىشى ھاجەتسىز. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كىنونىڭ ھەرىكەتچانلىقى، ئۈزلۈكسىزلىكى رەسىمدىكى جىمجىت ئوبرازغا قارىغاندا تېخىمۇ چىنلىققا ئىگە بولغانلىقتىن تاماشىبىنلارغا روھىي جەھەتتىن ناھايىتى راۋان تەسىر قىلىدۇ. كىنو كۆرۈنۈشىنىڭ كۆرۈش سېزىمىگە بېرىدىغان راھىتى بىۋاسىتە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككىلا ئىگە بولۇپ قالماستىن، چوڭقۇر ئىدىيىۋى ھېسسىياتنىمۇ ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، تاماشىبىنلارنى پېرسوناژنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى سىرلارنى ئېچىشقا ئۈندەيدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى روم1936 - يىلى ئىشلىگەن «13 قەھرىمان» ناملىق فىلىمدە بىر گۇرۇپپا تىپىك كۆرۈنۈشلەر بار. كىنودا باندىتلار بىر ئەترەتتىكى13 جەڭچىنى قۇملۇقتا قورشىۋالغانلىقى، بىر جەڭچىنىڭ بۇيرۇققا بىنائەن ئاتلىق يولغا چىقىپ، قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ياردەم سوراشقا ماڭغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئېكراندا جەڭچىلەرنىڭ ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ جان تىكىپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقى بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ياردەم سوراشقا ماڭغان ھېلىقى جەڭچىنىڭ قۇملۇقتىكى ئەھۋالى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كۆرۈنىدۇ.12 جەڭچىنىڭ ھايات - ماماتى پۈتۈنلەي ياردەم سوراشقا ماڭغان جەڭچىگە باغلىق بولغاچ، بۇ پېرسوناژنىڭ قورشاۋدىن ئۆتۈپ ياردەم سوراشقا ماڭغان ئەھۋالىنى قانداق ئىپادىلەش مۇشۇ كىنودىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. فىلىمگە ئاتلىق كېتىۋاتقان، تىرمىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان جەڭچى ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇنىڭ قۇملۇقتا قالدۇرغان ئىزىلا ئېلىنىدۇ. ئاۋۋال چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتا ئۇپۇققىچە سوزۇلغان يالغۇز ئاتنىڭ ئىزى كۆرۈنىدۇ. ئاپپارات شۇ ئىزغا ئەگىشىپ ئاستا - ئاستا ئىلگىرىلەپ بىر يەرگە بارغاندا، ئاتنىڭ ئىزى قالايمىقانلىشىشقا باشلايدۇ. تاماشىبىنلار ئاتلىق جەڭچىنى كۆرەلمەيدۇ، لېكىن ئات ئىزىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئۇنىڭ قانداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلالايدۇ. ئاندىن، يىراق ئۇپۇق سىزىقىدا ياتقان بىرنەرسە كۆرۈنىدۇ. دەسلەپتە ئۇنىڭ ئادەم ياكى ئات ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. بۇ، تاماشىبىنلاردا قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇملۇقتىكى ئاتنىڭ ئىزى ئادەم ئىزىغا ئۆزگىرىپ، تاماشىبىنلارغا ئاتنىڭ چارچاپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەم ئىزى بارغانسېرى ئەگرى - بۈگرى كۆرۈنىدۇ، شۇنىڭغا ئۇلاپلا بۇ ئىز ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەگرى - توقاي بىر ئېرىققا ئايلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا جەڭچىنىڭ مېڭىشقا مادارى قالماي، ئۆمىلەپ ئىلگىرىلىگەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ئېرىقتا ئاۋۋال بىر مىلتىق، كېيىن بىر قىلىچ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ … گەرچە ئېكراندا جەڭچىنىڭ ئاتلىق كېتىۋاتقان ۋە مىڭ بىر جاپادا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كۆرۈنمىسىمۇ، تاماشىبىنلار ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى ھېس قىلىش ئارقىلىق رەھىمسىز ئۇرۇش مۇھىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى