UyghurWiki
UyghurWikiكىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتىئادەتتىكى ئېكراندىن كەڭ ئېكران، ئايلانما ئېكرانغىچە

ئادەتتىكى ئېكراندىن كەڭ ئېكران، ئايلانما ئېكرانغىچە

كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى ئادەتتىكى ئېكرانلىق كىنو كۆرۈنۈشىنىڭ ئېگىزلىك ۋە كەڭلىك نىسبىتى33 .1:1 بولىدۇ. كۆرۈنۈش كەڭلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى تۈپەيلى، چوڭ مەيدانلارنى ئىپادىلەش تەسكە توختىدى. شۇڭا، كىشىلەر كەڭ ئېكرانلىق كىنو ئىشلەشنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى.1939 - يىلىدىكى نيۇيورك دۇنيا كۆرگەزمىسىدە، كىشىلەر بەش ئاپپاراتتا تەڭ قويۇپ بىرلەشتۈرۈلىدىغان كۆرۈنۈشنى يېرىم چەمبەر شەكىللىك ئېكراندا قويۇپ كۆرسەتتى.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىشلەپ چىقتى. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۈچ ئاپپاراتتا تەڭ قويۇش ئارقىلىق كۆرۈنۈشنى يايسىمان چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىدىغان كىنو مەيدانغا كەلدى. ئاۋازنى كۆپ يوللۇق لېنتىغا ئېلىپ كۆپلىگەن رادىئو كانايلىرىدا قويغاندا ستېرېئولۇق ئۈنۈم پەيدا بولدى. بىراق، مۇنداق كىنونىڭ ئىشلىنىشى ۋە قويۇلۇشىغا ئالاھىدە بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە كېتەتتى. شۇڭا، ئادەتتىكى كىنوخانىلار ئۇنى ئىشلىتەلمەيتتى. مۇشۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، فرانسىيىلىك كلېيدون1928 - يىلى شەكىل ئۆزگەرتىپ سۈرەتكە ئېلىش ۋە قويۇش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلدى. ئۇ، شەكىلنى ئۆزگەرتىدىغان بىر خىل ئاپپارات ئەينىكىنى ئىشلىتىپ، سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەنزىرىنىڭ پليونكىدىكى كەڭلىكى ئادەتتىكى ئاپپاراتنىڭكىدىن بىر ھەسسە چوڭايدى. فىلىمنى قويغاندىمۇ ئاشۇ خىل شەكىل ئۆزگەرتىدىغان ئاپپارات ئەينىكى ئىشلىتىلسە كۆرۈنۈشنىڭ نىسبىتى كېڭىيىپ35 .2:1 كە يېتىدىغان بولدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا بەزىلەر تېخىمۇ ئاددىي ھەم قۇلايلىق ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپتى. يەنى، سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتى بىلەن قويۇش ئاپپاراتىدىكى روجەككە رامكا بېكىتىلىپ كۆرۈنۈشنىڭ ئېگىزلىكى قىسقارتىلسىلا نىسبەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولدى. مانا بۇ شەكلى ئۆزگەرتىلمىگەن كۆرۈنۈشكە ئىگە كەڭ ئېكرانلىق فىلىم بولۇپ، ئادەتتە ياپما ئەنلىك فىلىم دەپ ئاتىلىدۇ. كەڭ ئېكرانلىق كىنو پليونكىسىنىڭ كەڭلىكى دەسلەپتە35 مىللىمېتىر ئىدى،70 مىللىمېتىرغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ ئېنىق چىقتى. ھالبۇكى، كەڭ ئېكرانلىق كىنو گەرچە مەيدان كۆرۈنۈشلىرى ناھايىتى كەڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، تاماشىبىنلارغا نەق مەيداندا تۇرۇۋاتقاندەك چىنلىق تۇيغۇ بېرىشى كەمچىل ئىدى، شۇڭا ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك (ئايلانما ئېكرانلىق) كىنو بارلىققا كەلدى. نەتىجىدە، تاماشىبىنلار تۆت تەرەپتىكى ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىكى كۆرۈنۈشلەردىن خالىغانچە ھۇزۇرلىنىدىغان، گويا ئاشۇ ۋەقەلىكنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولدى. كىنونىڭ كەڭلىكى كىنو سەنئىتى تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى ئەمەس. شۇڭا، ھازىرقى زامان كىنولىرى يەنىلا ئادەتتىكى كىنو، كەڭ ئېكرانلىق كىنو، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كىنو قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپماقتا. ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى كىنولارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە خاس بەدىئىي جەلپكارلىققا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار كىنو-تېلىۋىزىيە سەنئىتى