رەڭلىك كىنونىڭ مەيدانغا كېلىشى
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
1910 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە كىشىلەر رەڭلىك پليونكىنى سىناق قىلىپ ئىشلەشكە باشلىدى.20 يىل تەكرار سىناق قىلىش ئارقىلىق1932 −1933 - يىللارغا كەلگەندە، ئەنگلىيە تېخنىكولۇر شىركىتى رەڭلىك كىنو ئىشلەش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى.
ئۇ چاغلاردىكى رەڭلىك كىنو ئاپپاراتىغا ئۈچ تال پليونكا سېلىنىپ، قىزىل، يېشىل، كۆك ئۈچ ئاساسىي رەڭ ئايرىم - ئايرىم سۈرەتكە ئېلىناتتى، شۇڭا ئىشلىتىش بەكمۇ قۇلايسىز ئىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكىلىق رېژىسسور روبىن ماموۋليان1935 - يىلى يەنىلا يۇقىرىدىكى ئۈچ رەڭنى ئىشلىتىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى رەڭلىك فىلىم «سۆلەتۋاز دۇنيا» نى سۈرەتكە ئالدى.1937 - يىلىغا كەلگەندە تاق يوللۇق كۆپ قاتلىق ئېمۇلسىيە رەڭلىك پليونكىسىمۇ كەشىپ قىلىندى. لېكىن، بۇ خىل رەڭلىك پليونكا بىلەن كۆپلەپ كوپىيە چىقىرىشقا بولمىغانلىقتىن، كىنوخانىلارنى تەمىنلەپ كەتكىلى بولمايتتى.
ئۇزاق ئۆتمەي، گېرمانىيە35 مىللىمېتىرلىق كۆپ قەۋەتلىك ئېمۇلسىيە رەڭلىك نېگاتىپنى تۇنجى بولۇپ ئىشلەپ چىقاردى. بۇ خىل رەڭلىك نېگاتىپ ئارقىلىق بىر پليونكىدىلا كىنوخانىلارنى تەمىنلەيدىغان رەڭلىك پوزىتىۋ پليونكىنى ئىشلەش، ئۇنىڭغا ئوپتىكىلىق ئاۋاز لېنتىسىنى كۆچۈرۈپ رەڭلىك فىلىملەرنى كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈشتەك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى. رەڭلىك كۆپ قەۋەتلىك پليونكىدا بىر پليونكا يۈزىگە ئۈچ قەۋەت فوتوگراف ئىمۇلسىيىسى سۈركەلگەندىن كېيىن ئۈچ ئاساسىي رەڭ ئۈچ قەۋەت سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ ئەسلىي رەڭنى ئۆزئارا تولۇقلايدىغان رەڭلىك نېگاتىپ بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ، شۇڭا ئۇ «ئۈچنى بىرلەشتۈرگەن» پليونكا دەپمۇ ئاتالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ رەڭلىك فىلىم تەدرىجىي ئومۇملىشىپ، ئېكراننى رەڭگارەڭ دۇنياغا ئايلاندۇردى.