ستېرېئولۇق كىنو ۋە گولوگرافىك كىنو
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
ئادەتتىكى كىنو كۆرۈنۈشى تەكشى يۈزلۈك بولۇپ، چوڭقۇرلۇق ۋە ستېرېئولۇق تۇيغۇسى كەم بولىدۇ. ستېرېئولۇق كىنو ئەنە شۇ كەمچىلىكنى تولۇقلايدۇ. مەسىلەن، ئېكراندا ئورمانلىق كۆرۈنسە، تاماشىبىنلار گويا ئورمانلىقنىڭ يېنىغا كېلىپ قالغاندەك، قول ئۇزاتسىلا دەرەخلەرگە تېگىدىغاندەك، يىراقتىكى دەرەخلەر غۇۋا كۆرۈنۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. ئېكراندىكى ئادەم تاماشىبىنلارغا قارىتىپ تاش ئاتسا، تاماشىبىنلار گويا بۇ تاش ئۆز بېشىغا تېگىدىغاندەك ھېس قىلىپ، دەرھال ئۆزىنى قاچۇرىدۇ!
ستېرېئولۇق كىنونىڭ مۇشۇنداق كۈچلۈك ستېرېئولۇق تەسىر بېرىشى − بىزنىڭ كۆرۈش سېزىمىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر ئادەتتە مەنزىرىلەرنى ئىككى كۆزى بىلەن تەڭ كۆرىدۇ. ئەگەر بىر جىسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئوڭ، سول كۆز بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرگەندە، ئىككى كۆز كۆرگەن شەكىلنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭ سەۋەبى، ئىككى كۆزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئارىلىق بولغانلىقى ھەمدە ئىككى كۆزنىڭ جىسىمنى كۆرۈش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغانلىقىدا، مانا بۇنى ئىككى كۆزنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىسى دەيمىز. ئىككى كۆز بىرلا ۋاقىتتا تەڭ كۆرگەن نەرسىلا ستېرېئولۇق سېزىمگە ئىگە بولىدۇ، ئادەتتىكى كىنو بىر ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. ئۇ بىر كۆز بىلەن كۆرۈنگەنگە باراۋەر بولۇپ، ستېرېئولۇق تۇيغۇ بېرەلمەيدۇ.
ئادەمنىڭ ئوڭ كۆزى بىلەن سول كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق تەخمىنەن65 مىللىمېتىر كېلىدۇ. ستېرېئولۇق كىنو ئىككى ئاپپارات بىلەن سۈرەتكە ئالىدۇ، ئىككى ئاپپاراتنىڭ ئارىلىقىمۇ دەل65 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىككى كۆز بىرلا ۋاقىتتا بىر جىسىمنى كۆرگەندە، گورىزونتال كۆرۈش پەرقى بولغان ئىككى كۆرۈنۈشنى كۆرگەنگە باراۋەر بولىدۇ. ئاپپاراتتا قويغاندا، ئىككى كۆرۈنۈش بىر ئېكرانغا دەستىلىنىپ چۈشىدۇ. بۇ خىل كىنونى كۆرگەن چاغدا تاماشىبىنلارنىڭ سول كۆزى سول تەرەپتىكى ئاپپارات سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشنى كۆرىدىغان، ئوڭ كۆزى ئوڭ تەرەپتىكى ئاپپارات سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشنى كۆرىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەربىر كۆزى يەنە بىر كۆرۈنۈشنى كۆرمەيدىغان شارائىت ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىرى، كۆزەينەك تاقاش؛ يەنە بىرى، كىنونى ئوپتىك پەنجىرىلىك ئېكراندا كۆرۈش (كۆزەينەك تاقىماسلىق).
كۆزەينەك تاقاش ئۇسۇلى يەنە رەڭلىك (ئادەتتە قىزىل، يېشىل رەڭلىك) كۆزەينەك تاقاش ئۇسۇلى ۋە پوليارسكوپ كۆزەينەك تاقاش ئۇسۇلى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. رەڭلىك كۆزەينەك تاقاش ئۇسۇلىدا، ئىككى پليونكىنىڭ بىرىگە قىزىل، بىرىگە يېشىل رەڭ بېرىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ سول تەرەپتىكىسى قىزىل، ئوڭ تەرەپتىكىسى يېشىل بولسا، كىنو كۆرگەن چاغدا تاقىغان كۆزەينەكنىڭمۇ سول ئەينىكى قىزىل، ئوڭ ئەينىكى يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل گەرچە ستېرېئولۇق تۇيغۇ پەيدا قىلالىغان بولسىمۇ، كىنونىڭ ئەسلىي رېڭىنى بۇزۇۋېتىدۇ. مەملىكىتىمىزدە پوليارسكوپ كۆزەينەك تاقاش ئۇسۇلىدىكى ستېرېئولۇق كىنو قوللىنىلماقتا. بۇ ئۇسۇلدا رەڭ بۇزۇلۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئوپتىك پەنجىرىلىك ئېكراندا كۆرۈش ئۇسۇلى دېگىنىمىز، ئېكراننىڭ ئالدىغا بىر قەۋەت ئوپتىك پەنجىرىلىك سۈزۈك تاختا ئورنىتىلىدۇ، كىنو ئاپپاراتى ئوڭ ۋە سول كۆز كۆرىدىغان كۆرۈنۈشنى ئوپتىك پەنجىرىلىك سۈزۈك تاختىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېكرانغا چۈشۈرىدۇ. تاماشىبىنلار ئوپتىك پەنجىرىلىك سۈزۈك تاختىدىن ئۆتكەن، ئىككى كۆزنىڭ ئايرىپ كۆرۈشىگە ماسلاشتۇرۇلغان كۆرۈنۈشنى كۆرگەندە ستېرېئولۇق تۇيغۇ ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭدا كۆزەينەك تاقاش ھاجەتسىز، ئەمما تاماشىبىنلار بېشىنى خالىغانچە مىدىرلاتسا بولمايدۇ. ھازىر ستېرېئولۇق كىنونى ئادەتتىكى كىنوخانىلاردىمۇ قويغىلى بولىدىغان بولدى.
گولوگرافىك كىنو گولوگرافىك سۈرەتكە ئېلىشنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىدۇر. ئادەتتىكى سۈرەتكە ئېلىشتا شەيئى نۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كۈچىلا خاتىرىلىنىدۇ. گولوگرافىك سۈرەتكە ئېلىشتا شەيئى نۇرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن كۈچىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ فازىسى ۋە بارلىق ئۇچۇرلىرىمۇ خاتىرىلىنىدۇ. گولوگرافىك كىنو نۇر دولقۇنىنىڭ مۇداخىلە قىلىش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ سۈرەت ۋە قايتا كۆرۈنگەن سۈرەتنى خاتىرىلەش ئۇسۇلى بىلەن ئىشلىنىدۇ. ئىشلەپ پۈتكۈزۈلگەن گولوگرافىك فىلىم يۈزىدە نۇر دولقۇنىنىڭ دولقۇن فرونتىلا خاتىرىلىنىدۇ، يەنى ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق سىزىقلاردىن تەشكىللەنگەن گرافىك بولىدۇ، سۈرەتكە ئېلىنغان ئوبيېكتقا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈرەتنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولمايدۇ. گولوگرافىك فىلىمنى لازېر نۇرى بىلەن قويغاندا پۈتۈنلەي ستېرېئولۇق سۈرەت چىقىدۇ، ئالاھىدە كۆزەينەك تاقاش، تاماشىبىنلارنىڭ بېشىنى مىدىرلىتىشىنى چەكلەش ھاجەتسىز، ھەتتا بىر كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ، ئۇ يەنىلا ستېرېئولۇق سۈرەت بولۇپ كۆرۈنىدۇ.