كۆرۈنۈش
كىنو- تېلېۋىزىيە سەنئىتى
كىنو بىر خىل كۆرۈنۈش تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس سۆز، جۈملە، سۆزلەش شەكىل ئۆزگىرىشلىرى ھەمدە گرامماتىكىغا ئىگە. كىنونى بىر پۈتۈن ماقالە دېسەك، كۆرۈنۈش كىنونىڭ جۈملىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كىنونىڭ ئەڭ ئاساسىي بىرلىكى. بىر كۆرۈنۈش دېگىنىمىز، كىنو ئاپپاراتى بىر قېتىمدا ئۈزۈلدۈرمەي سۈرەتكە ئالغان كىنو پارچىسىغا قارىتىلىدۇ. بۇ پارچىدىكى پېرسوناژ ياكى مەنزىرە كىشىگە ماكان ۋە زامان جەھەتتە ھەرگىز ئۈزۈلگەن تەسىرنى بەرمەيدۇ.
كۆرۈنۈش ئۇزۇن، قىسقا بولىدۇ، بەزىلىرى بىرقانچە مىنۇت بولسا، بەزىلىرى كۆزنى ئېچىپ - يۇمغىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. فرانسىيە فىلىمى «خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىش» نىڭ ئاخىرلىشىش قىسمىدا داڭلىق بىر ئۇزۇن كۆرۈنۈش بار: بالىلار قاماقخانىنىڭ مەيدانىدا پۇتبول ئويناۋاتقاندا، ئانتونى (باش قەھرىمان) تۇيۇقسىز توپ مەيدانىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ - دە، تۆمۈر رېشاتكىنىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكتىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ قېچىپ كېتىدۇ. قاماقخانىنىڭ سىگنالى چىرقىرايدۇ، بىر ساقچى قوغلاپ كېلىدۇ. ئانتونى توختىماي يۈگۈرىدۇ، يۈگۈرىدۇ … يېزا ئۆيلىرىنىڭ يېنىدىن، دالىدىن، چاتقاللىقنىڭ چېتىدىكى قۇرۇق ئۆيدىن ئۆتۈپ، پۈتۈنلەي يەككە - يېگانە ھالدا يۈگۈرۈپ قاچىدۇ … مانا بۇ ئۇزۇن كۆرۈنۈش ئاشۇ جەمئىيەتتە ھەممە يەردە مېھىر - مۇھەببەت يوق ئىدى، مۇنداق مۇھىتنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە بالىلارنىڭ زادىلا چىدىغۇچىلىكى قالمىغانىدى، لېكىن ئۇلار ھېچقانداق چىقىش يولى تاپالمايتتى، دېگەن باش تېمىنى ئۈنۈملۈك شەرھلەپ بەرگەن. كىنودا بىر گۇرۇپپا قىسقا كۆرۈنۈشنى گىرەلەشتۈرۈپ كۆرسىتىش ئارقىلىق جىددىي، قىزغىن كەيپىياتنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. بەزىدە مەزمۇننى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بىر قېتىمدا سۈرەتكە ئېلىنغان پارچە بىرنەچچە بۆلەككە ئايرىلىپ، باشقا كۆرۈنۈشكە ئۇلاپ گۇرۇپپىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ، بىر كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى بىرقانچە كۆرۈنۈش بولىدۇ.
كۆرۈنۈشنىڭ مەنە ئىپادىلەش ۋە ئوبراز يارىتىش ئىقتىدارى ئۇنىڭ خىللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. كىنو كۆرۈنۈش پەرقى جەھەتتىن تۆۋەندىكى خىللارغا ئايرىلىدۇ: كەڭ دائىرىلىك، يىراق مەنزىرىلەر كۆرۈنىدىغان يىراق كۆرۈنۈش؛ ئاساسىي پېرسوناژنى مەلۇم دائىرە ئىچىگە قويۇپ، مۇھىت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرىدىغان پۈتۈن كۆرۈنۈش؛ پېرسوناژنىڭ تىزىدىن يۇقىرى قىسمىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۇنى مۇھىتتىن ئايرىۋېلىپ، بەدەن ھەرىكىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئوتتۇرا كۆرۈنۈش؛ ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئاساس قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى پېرسوناژنىڭ چىراي - ئىپادىسىگە مەركەزلەشتۈرىدىغان يېقىن كۆرۈنۈش؛ ئىنچىكە جايلارنى مەركەزلىك ئىپادىلەيدىغان ئالاھىدە كۆرۈنۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
كۆرۈنۈش سۈرەتكە ئېلىشتىكى ھەرىكەت شەكلى بويىچە ئىتتىرىش، تارتىش، ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ. سۈرەتكە ئېلىشتا ئاپپاراتنى ئاستا - ئاستا ئالدىغا ماڭدۇرسا ئىتتىرىش دېيىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاپپاراتنى كەينىگە ماڭدۇرۇپ سۈرەتكە ئالسا تارتىش دېيىلىدۇ؛ ئاپپاراتنى ئۆز ئورنىدىن يۆتكىمەي، يۇقىرى، تۆۋەن، ئوڭ، سولغا قارىتىپ سۈرەتكە ئالسا ئايلاندۇرۇش دېيىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەگىشىش، سۈرۈلۈش، نۇقتىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىش، سۇبيېكتىپ ئېلىش، ئوبيېكتىپ ئېلىش قاتارلىق سۈرەتكە ئېلىش شەكىللىرىمۇ بار.