UyghurWiki
UyghurWikiكەيپىيات ۋە ئىرادەكەيپىيات ۋە رەڭ

كەيپىيات ۋە رەڭ

كەيپىيات ۋە ئىرادە گېرمانىيىنىڭ مەشھۇر شائىرى گيۇتې كەيپىيات بىلەن رەڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەڭ بالدۇر تەتقىق قىلغان ئادەم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گيوتېنىڭ رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئادىتى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قىزىل ياكى سېرىق كۆزەينەك تاقىغاندا ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، قىزغىن كەيپىيات قوزغىتالايدىكەن؛ كۆك كۆزەينەك تاقىغاندا بولسا بۇرۇقتۇرمىلىق ھېس قىلىپ، ھەسرەتلىنىش كەيپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ، بەلكىم گيوتېنىڭ ئىجادىيەتكە ماھىر بولۇشىدىكى سىر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭ «رەڭ ئىلمى» دېگەن كىتابى ئادەم پسىخىكىسى بىلەن رەڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشقا تۆھپە قوشقان. پسىخىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتىدىن، مۇھىتتىكى رەڭنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كۈل رەڭ ئادەمنى بۇرۇقتۇرمىلىق، غەمكىن ھېس قىلدۇرىدۇ، قىزىل رەڭ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرۇپ، روھىنى ئۇرغۇتىدۇ، سېرىق رەڭ ئادەمنى شادلاندۇرىدۇ، يېشىل رەڭ ئادەمگە ئاراملىق، تىنچلىق بېغىشلايدۇ، قارا رەڭ ئادەمدە سۈكۈتكە چۆكۈش، ئىچى تىتىلداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھاۋا رەڭ ئادەمنى كۆڭلى ‐ كۆكسى توق، كەڭ قىلىدۇ. ئوخشىمىغان رەڭلەرنىڭ ئوخشىمىغان پسىخىكىلىق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىدەك قائىدىگە ئاساسەن، كىشىلەر ئولتۇراق ئۆي، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئوخشىمىغان ئورۇنلارغا ئوخشىمىغان رەڭلەرنى بېرىشتە، ئادەملەرنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالدىكى فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق ھالەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، پسىخىكىلىق ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشى نەزەردە تۇتۇلغان. مەسىلەن، دوختۇرخانىلارنىڭ تاملىرىغا ئاق ياكى ھاۋا رەڭ ۋە ياكى ئاچ يېشىل، ئاچ سېرىق رەڭلەرنى بېرىش بىمارلارنى تىنچ كەيپىياتقا ئىگە قىلىش، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. تەنتەربىيە سارىيى، كۇلۇبلارنىڭ تاملىرىغا قېنىق رەڭلەرنى بەرگەندە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ. دەرسخانىدىكى دوسكىنىڭ ئەتراپى ئاق رەڭدە بولسا، دوسكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئۈستىلىنىڭ يۈزىگە ئاق سۇلياۋ چاپلانسا، نۇرنىڭ قايتىشىنى كۈچەيتىپ، ئادەمدە بىر خىل سەگەكلىك ۋە ئەركىن ‐ ئازادىلىك كەيپىيات شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار كەيپىيات ۋە ئىرادە