ئىرادە يېتىلدۈرۈش
كەيپىيات ۋە ئىرادە
ئىرادە (ئىرادە كۈچى) قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمگە ئايلىنىشتىكى مۇھىم پسىخىكىلىق شەرت. ئىرادىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.
ئىرادە يېتىلدۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش كېرەك. ئۇلۇغۋار غايە، ئالىيجاناب نىشان بولغاندىلا، ئاندىن توغرا ھەرىكەت يۆنىلىشى بولىدۇ، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئەمگەكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قەيسەر ئىرادە بارلىققا كېلىدۇ.
ئىككىنچى، ئاكتىپ، خۇشال كەيپىيات ۋە ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئادەمنىڭ ئىرادە ھەرىكىتى كەيپىيات ۋە ھېسسىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئاكتىپ، خۇشال كەيپىيات ئىرادە ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئالدىن كۆزلىگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. پاسسىپ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىيات ئادەمنىڭ پائالىيەت ئاكتىپلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، زېھنىنى خورىتىدۇ، ئىرادە ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىللىشىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى بىر ئادەمنىڭ ئىرادە ھەرىكىتىدە ئۆزىنىڭ ئىرادە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئۆزىنىڭ گەپ - سۆزلىرىگە چەك قويۇش، ئالدىن بەلگىلەنگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدىكى قورقۇش، تارتىنىش، ئىككىلىنىش، ھۇرۇنلۇق قىلىش ۋە ھاياجانلىنىش قىلمىشلىرىنى تىرىشىپ يېڭىشنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمكى يۇنانلىق ناتىق دېموسدېنى كېكەچلىك تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ مۇنازىرە رەقىبلىرىگە تاقابىل تۇرالمىغان بولسىمۇ، ئۇ بۇنداق تۇغما ئاجىزلىقى ئالدىدا تىز پۈكۈپ ئولتۇرماي، كۈندە دېڭىز ساھىلىدا يۈگۈرۈشنى ياكى تاغقا يامىشىشنى داۋاملاشتۇرغان، تىلىنىڭ ئاستىغا ئۇششاق تاشنى باسۇرۇپ، ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋارقىراپ سۆزلىگەن. جاپا - مۇشەققەتلىك مەشىقتىن كېيىن ئاخىر ئاتاقلىق ناتىققا ئايلانغان. بۇ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆزىنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈلگىسى بولالايدۇ.
تۆتىنچى، ئىرادىنى تاۋلاشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. «ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ.» قەيسەر ئىرادە ئادەتتە بوشاشماي چېنىقىش جەريانىدا تەدرىجىي يېتىلىدۇ. گوركىي: ئۆزىگە بولغان كىچىككىنە تىزگىنلەشمۇ ئادەمنى قەيسەرلەشتۈرىدۇ، دەپ ياخشى ئېيتقان. تەنتەربىيە چېنىقىشىنى مىسالغا ئالساق، ئۇ بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىرادىنىمۇ تاۋلايدۇ. تەنتەربىيە پائالىيىتىدە باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، چېچەنلىك، كەسكىنلىك، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىرادە پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.
بەشىنچى، ئىرادىنى تاۋلاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. «قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتقان ئەمەس»، ياخشى ئىرادە پەزىلىتىنى بىر - ئىككى كۈندىلا يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇزاق ۋاقىت بوشاشماي تىرىشىشقا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققاندا، قىيىنچىلىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە، ئاداققىچە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.