ئىرادىنىڭ كۈچى
كەيپىيات ۋە ئىرادە
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لى بەي كىچىك چېغىدا بىر موماينىڭ لوم تۆمۈرنى بىلەيگە سۈركەپ يىڭنە ياسىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ، يېرىم يولدا ئوقۇشتىن توختىتىۋېلىش نىيىتىدىن يېنىپ، موماينىڭ لوم تۆمۈرنى بىلەپ يىڭنە قىلماقچى بولغىنىدەك جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئاخىر ئاتاقلىق شائىرغا ئايلىنىپ، «شائىرلارنىڭ پىرى» دېگەن نامنى ئاپتۇ. بۇ ھېكايە بىزگە تونۇشلۇق بولغان «ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن» دېگەن ئىدىئۇمنىڭ مەنبەسى. ئۇ بىزگە: قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشقاندىلا ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «قەتئىي ئىرادە» پسىخولوگىيىدىكى ئىرادىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىرادىسى كۈچلۈك ئادەملەر جاپا - مۇشەققەتلىك مۇھىتتىمۇ كۈچىنىپ ئىشلەپ، نەتىجە قازىنالايدۇ؛ ئىرادىسى ئاجىز ئادەملەر قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا بوشىۋېلىپ ئالغا باسمايدۇ، ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ. ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شەرقىي شىمال ياپونغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ رەھبىرى ياڭ چىڭيۈ جاڭجۈن قار - مۇز بىلەن قاپلانغان جاپالىق مۇھىتتا، ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. كېيىن، ئۇ قېلىن ئورمانلىقتا ياپون ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، ئاشلىق، ئوق - دورا يېتىشمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. ياپون ئالۋاستىلىرى ئۇنىڭ بۇنداق جاپالىق شارائىتتا قانداق قىلىپ ھايات تۇرالىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قورسىقىنى يارغاندا، دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن پاختا پارچىلىرى چىققان.
بەزىدە ئىرادىنىڭ رولى ھەتتا ئۆلۈمنىمۇ كېچىكتۈرەلەيدۇ. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى5 - ئەسىردە، يۇنانلىق پوچتىكەش مارافوندىن ئافېناغىچە بولغان42 كىلومېتىر يولنى يۈگۈرۈپ بېسىپ، يۇنانلىقلارنىڭ پارسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ بولۇپ ئۆلۈپ قالغان. ھازىرقى42 مىڭ195 مېتىرلىق مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقە تۈرى مۇشۇ باتۇرنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تەسىس قىلىنغان.
بىر ئادەم بىرەر ئىشتا نەتىجە قازانماقچى بولىدىكەن، ئۇ ئادەمدە ئۇلۇغۋار غايىنىڭ بولۇشى، ئاشۇ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاردىم - قالدىم دېمەي ئىزچىل ئىشلەيدىغان ئىرادىنىڭ بولۇشى بەكمۇ مۇھىم. خۇددى مەملىكىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق ماتېماتىكى جاڭ گۇاڭخۇ ئېيتقاندەك: «ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش تۈپتۈز چاڭئەن كوچىسىدا سەيلە قىلغاندەك ئۇنداق ئەركىن - ئازادە ئىش ئەمەس، ئالدىڭدا چوقچىيىپ تۇرغان ئېگىز تاغلار، چوڭقۇر ھاڭ ۋە يوشۇرۇن جىرالار بار. ئىرادە ۋە سەۋرچانلىق بولغاندىلا، ئاندىن ئېگىلمەي - سۇنماي، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدىغان روھ بىلەن ئىلىم - پەننىڭ چوققىسىغا چىققىلى بولىدۇ.» شۇڭا، جاڭ گۇاڭخۇ «ئىلىم - پەندىكى مۇۋەپپەقىيەت=ئىرادە+سەۋرچانلىق» بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.