ئىرادە
كەيپىيات ۋە ئىرادە
ئىرادە نىشاننى ئاڭلىق بېكىتىپ، شۇ نىشان ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تىزگىنلەش، تەڭشەش ئارقىلىق ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر خىل پسىخىك پائالىيەتتىن ئىبارەت.
ئىرادە جەريانى مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىسى، روشەن مەقسەتچانلىق. پائالىيەت نىشانىنى ئاڭلىق بېكىتىش ئادەمنىڭ ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى. فرانسىيىلىك باكتېرىيىشۇناس باسد: »ئىرادە تىكلەش كەسىپنىڭ قوۋۇقى، خىزمەت قەسىرگە كىرىشنىڭ مۇساپىسى« دېگەنىدى. ئىككىنچىسى، قىيىنچىلىقنى يېڭىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ، ئىرادە پائالىيىتى دەل ئاشۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئىختىيارىي ھەرىكەتنى ئاساس قىلىش. ئادەمنىڭ بارلىق پائالىيىتى ھەرىكەتتىن تەركىب تاپىدۇ، ھالبۇكى، ئىختىيارىي ھەرىكەت ئىرادە پائالىيىتىنىڭ ئاساسى.
ئادەمنىڭ ئىرادىسىدە پەرق بولىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ھەرىكەتتىكى ئاڭلىقلىق، ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى، قەتئىيلىك، كەسكىنلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. «شەمشەر بىلىگەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، مېيخۇا گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى قەھرىتان سوغۇقتىن كېلىدۇ.» تارىختا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىكى كىشىلەردە ئورتاق بىر پسىخىكىلىق شەرت — قەيسەر ئىرادە بولغان.