UyghurWiki
UyghurWikiكەيپىيات ۋە ئىرادەكەيپىيات ۋە ھېسسىيات

كەيپىيات ۋە ھېسسىيات

كەيپىيات ۋە ئىرادە تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار ئادەمنى خۇشال قىلىپ شادلاندۇرسا، بەزى ئىشلار غەم - ئەندىشىگە، قايغۇ- ھەسرەتكە سالىدۇ، بەزى ئىشلار ئادەمنى قايىل قىلىپ، زوقىنى كەلتۈرسە، بەزى ئىشلار ئادەمنى ساراسىمىگە سېلىپ يىرگەندۈرىدۇ. بۇنداق مۇئەييەن ئۆزگىچىلىك تۈسى ئالغان ئىچكى كەچۈرمىش ئادەمنىڭ پوزىتسىيىسىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. پسىخولوگىيىدە كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە ۋە ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيە كەچۈرمىشى كەيپىيات ۋە ھېسسىيات دەپ ئاتىلىدۇ. ھېسسىيات بىرقەدەر مۇقىم بولۇپ، ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ. ھاياجانلىنىش ۋە تاشقى ئىپادە ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. كەيپىيات قىسقىراق بولۇپ، ئۆزگىرىشچان كېلىدۇ، ھاياجانلىنىش ۋە تاشقى ئىپادە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. كەيپىيات ۋە ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشى ئېھتىياجغا ئاساسەن بولىدۇ. كەيپىيات كىشىلەرنىڭ يېمەك ‐ ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، ئۆي - تۇرالغۇ، ئۇخلاش جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغان - قاندۇرۇلمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىلا كەيپىيات بولىدۇ، بىراق ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئاڭنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئادەم ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغاندا، ھامان شەكىل، ئۇسۇل ۋە كۆزقاراشلاردىكى ئىمكانىيەتنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ۋە تەسىرىنى ئويلايدۇ. بۇ، ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ مۇھىم بىر پەرقى. ھېسسىيات ئادەمدىلا بولىدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ بىلىم تەشنالىقى، ئېستېتىك ئېھتىياجى، مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئېھتىياجى قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان ئېھتىياجلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. كەيپىيات بىلەن ھېسسىياتنى ئادەمنىڭ مۇھىت، شەيئىلەرگە بولغان بىلىشى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز ئورمانلىقتا بىرەر يولۋاسقا ئۇچراپ قالسىڭىز، جەزمەن ئىنتايىن قورقۇپ كېتىسىز، يولۋاسنى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەستە كۆرسىڭىز، قىزىقارلىق ھېس قىلىسىز. ئادەم تۇغۇلغاندا ئۇنىڭدا كەيپىيات بولمايدۇ، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ خۇشاللىنىش، غەزەپلىنىش، ھەسرەتلىنىش، كۈلۈش، ياخشى كۆرۈش، يىرگىنىش قاتارلىق كەيپىياتلار پەيدا بولىدۇ؛ ھېسسىيات ئەخلاقىي ھېسسىيات، ئەقلىي ھېسسىيات ۋە ئېستېتىك ھېسسىيات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھېسسىيات تۇغما بولمايدۇ، بەلكى كېيىنكى تۇرمۇش داۋامىدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ يېتىلىدۇ، ئۇنى ئادەمنىڭ بىلىش ۋە كەيپىيات كەچۈرمىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كەيپىيات ۋە ئىرادە