UyghurWiki
UyghurWikiكەيپىيات ۋە ئىرادەكەيپىيات ۋە بەدەن ئۆزگىرىشى

كەيپىيات ۋە بەدەن ئۆزگىرىشى

كەيپىيات ۋە ئىرادە رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى ھىندىستاندا بىر خىل »شال جازاسى« بولغانىكەن، بىرقانچە ئادەمنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان ئەھۋالدا، سودىيە بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى »مۇقەددەس« شالنى چايناشقا بۇيرۇيدىكەن. بىرئاز چاينىغاندىن كېيىن، ئۇلار چايناپ ئايرىغان گۈرۈچلەرنى ئەنجۈر يوپۇرمىقىغا تۈكۈرىدىكەن، كىمنىڭ تۈكۈرگىنى قۇرۇق چىقسا، شۇ كىشى جىنايەتچى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدىكەن. بۇنداق ئۇسۇل بۈگۈنكى كۈندە كۈلكىلىك بىلىنسىمۇ، بىراق بۇ، قەدىمكى ھىندىستانلىقلارنىڭ كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئوخشىمىغان كەيپىيات ھالىتىدە شۆلگەينىڭ ئايرىلىپ چىقىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. جىنايەتچىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك بولغاچقا، شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشى ئاز، تۈكۈرگەن شالمۇ قۇرۇق بولغان. ھازىرقى زامان ئىلمى ئادەم كەيپىياتىنىڭ ئىچكى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىسپاتلىدى. مەسىلەن، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىشى خۇشاللانغاندا مىنۇتىغا17 قېتىم، ھەسرەتلەنگەندە توققۇز قېتىم، ئالاقزادە بولغاندا20 قېتىم، غەزەپلەنگەندە40 قېتىمغا يېتىدۇ. قانائەت ھاسىل قىلىپ خۇشال بولغاندا يۈرەكنىڭ سوقۇشى نورمال بولۇپ، قورققان ياكى قاتتىق غەزەپلەنگەندە يۈرەكنىڭ سوقۇشى تېزلىشىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ؛ چۆچۈپ قورققاندا ياكى غەزەپلەنگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشى توختايدۇ، ھەسرەتلەنگەندە ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ ۋەھاكازالار. كەيپىيات ئۆزگەرگەندە يەنە بەدەننىڭ سىرتىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ يۈزىدە بولىدىغان ئۆزگىرىش: خۇشاللانغاندا كۆڭلى يايراپ كېتىش، قايغۇرغاندا قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ كېتىش، غەزەپلەنگەندە كۆزلىرى يوغىناپ كېتىش، گاڭگىرىغاندا ھودۇقۇپ كېتىش، غەزەپلەنگەندە چىشلىرى كىرىشىپ كېتىش قاتارلىقلار. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىدە بولىدىغان ئۆگىرىش: خۇشاللانغاندا ئويناقشىپ كېتىش، ئۈمىدسىزلەنگەندە مەيۈسلىنىپ كېتىش، غەزەپلەنگەندە مۇشتلىرىنى تۈگۈش، تاقەتسىزلەنگەندە ئولتۇرالماي قېلىش، پۇشايمان يېگەندە مەيدىلىرىگە مۇشتلاپ كېتىش، قاتتىق خۇشاللانغاندا كۈلۈپ يايراپ كېتىش، بىراۋنى ھۆرمەتلىگەندە ياكى قايغۇرغاندا سۈكۈتتە تۇرۇش قاتارلىقلار؛ تىل ئىنتۇناتسىيىسىدە بولىدىغان ئۆزگىرىش: ھەسرەتلەنگەندە ئىنتۇناتسىيىسى تۆۋەن، گەپ - سۆزلىرى ئاستا، ئۈزۈلۈپ - ئۈزۈلۈپ چىقىش، ئاۋازى ئېگىز - پەس چىقىش، خۇشاللانغاندا گەپ - سۆزلىرى مەردانە، ئىتتىك چىقىش، ئاۋازىنىڭ ئېگىز - پەسلىك پەرقى چوڭ بولۇش، غەزەپلەنگەندە ئاۋازى چىرقىراپ، تىترەپ چىقىش، بەزىدە ئاۋازى بوغۇلۇش. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەپسۇسلىنىش، تاقەتسىزلىنىش، مەسخىرە قىلىش، كەمسىتىش قاتارلىقلاردىكى ئىنتۇناتسىيىدىمۇ مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ. كەيپىياتنىڭ بەدەننىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن بىر ئادەمنىڭ ئەينى چاغدىكى ئىچكى كەچۈرمىشىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق، ئادەم ئۆز - ئۆزىنى كونترول قىلالىغانلىقى ئۈچۈن، بەدەن تاشقى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلەرنى چىن ئىپادىلەپ بېرەلىشى ناتايىن. ئارتىسلارنىڭ ئورۇنداش ماھارىتى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ سىرتقى ئىپادىسىگە قاراپلا ئۇنىڭ كەيپىياتى ۋە ھېسسىياتىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار كەيپىيات ۋە ئىرادە