كەيپىيات ۋە سالامەتلىك
كەيپىيات ۋە ئىرادە
«يۈرسەڭ خۇشال ياشىرارسەن كۆپ يىل، قايغۇ - ھەسرەتتە ئاقىرار چاچلىرىڭ بالدۇر»، «كۈلۈپ يۈرسەڭ كۈندە، باھارىڭ، ياشلىقىڭ شۇندا» دېگەن گەپ بار. بۇ بىزگە ئادەم كەيپىياتىنىڭ ساغلاملىق بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىدەك چوڭقۇر ئىلمىي قائىدىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
ياخشى كەيپىيات ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، كۈلكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىلىق رولى ئىنتايىن كۆپكەن: ئۆپكىنىڭ نەپەسلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، نەپەس يوللىرىنى تازىلاش، ساغلام ھېسسىياتنى ئۇرغۇتۇش، نېرۋىلاردىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىش، مۇسكۇللارنى بوشىتىپ، ئارتۇقچە زېھنىي قابىلىيەت ‐ قۇۋۋەتنى تارقىتىش، غەم - قايغۇدىن خالاس قىلىش، ھەر خىل روھىي بېسىملارنى يەڭگىللىتىش، خىجالەتچىلىك كەيپىياتى ۋە قورۇنۇش سېزىمى، شۇنداقلا تۈرلۈك - تۈمەن باش قېتىنچىلىقلىرىنى تۈگىتىش، كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقە ۋە دوسلۇقنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا پايدىلىق بولۇپ، گۈزەل كېلەچەككە بولغان ئىنتىلىشنى پەيدا قىلىدۇ.
ناچار كەيپىيات تەن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۈچ دۆلەت دەۋرىدىكى جۇ يۈ ئەقىل - پاراسەتتە كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرسىمۇ، بىراق جۇگې لياڭ ئۇنىڭ ئىچى تارلىقىدەك ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ماھىرلىق بىلەن پىلان تۈزۈپ، ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتىنى ئاچچىق يۇتقۇزۇپ ئاخىرلاشتۇرغان. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىكى لىن دەييۈ كىچىكىدىنلا كېسەل كۆرپىسى بولۇپ، ئادەتتە قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكۈپ، چىرايى ئېچىلمايدۇ، ئاش - تاماققا ئىشتىھاسى يوق، كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدۇ، جا باۋيۈ بىلەن شۆ باۋچەينىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئاچچىقىدا ھوشىدىن كېتىپ، ھەسرەت - نادامەتتە ئۆلۇپ كېتىدۇ. بۇلار گەرچە روماندىكى ۋەقەلىكلەر بولسىمۇ، بىراق قايغۇ - ھەسرەت قاتارلىق ناچار كەيپىيات ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ناچار كەيپىيات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇڭا، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ كەيپىيات پائالىيەتلىرىنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، خۇشال - خۇرام كەيپىياتنى ساقلاپ، پاسسىپ كەيپىياتنى تۈگىتىپ، ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشقا ياخشى پسىخىكىلىق مۇھىت يارىتىشى كېرەك.