UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىھۈنەر - سەنئىتى نەپىس

ھۈنەر - سەنئىتى نەپىس

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى ب د ت باش شتابىنىڭ زالىدا جۇڭگو ھەدىيە قىلغان قىممەتلىك سوۋغات − «چېڭدۇ - كۇنمىڭ تۆمۈر يولى» دېگەن چوڭ تىپتىكى پىل چىشى ئويمىسى تىزىپ قويۇلغان. بۇ پىل چىشى ئويمىسى چېڭدۇ - كۇنمىڭ تۆمۈر يولىنىڭ قاتمۇ قات تاغ - چوققىلاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئۇلۇغۋار كۆرۈنۈشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بىر سوستاپ پويىز قاتمۇ قات تاغ - داۋان ۋە تىك ھاڭلاردىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقان. يىراقتا قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلغان چاغدا ئۆتكەن تۆمۈر زەنجىرلىك كۆۋرۈك ۋە تۆمۈر يول ياقىسىدىكى داقا - دۇمباق چېلىپ تەنتەنە قىلىۋاتقان كىشىلەر توپى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈش پىل چىشى ئويمىسى سەنئەتكارلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو پىل چىشى ئويمىچىلىق سەنئىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ماھارەت جەھەتتىمۇ خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلار زامانىمىزدىكى پىل چىشى ئويمىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق جايلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ پىل چىشى ئويمىچىلىقى ئادەم، قۇرت - قوڭغۇز، ئۇچار قانات، گۈل - گىياھلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، «قىزىل ئارمىيىنىڭ لۇدېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋېلىشى، بېيخەي دېڭىزىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى، چېڭدۇ - كۇنمىڭ تۆمۈر يولى، گۈل - چېچەك سېۋىتى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يېڭى چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، بېيجىڭ پىل چىشى ئويمىچىلىقىنىڭ يېڭى ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. بېيجىڭنىڭ «بىر تال گۈرۈچ» تىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى پىل چىشى ئويمىچىلىقى پىل چىشى ئويمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەرخىلى بولۇپ، پىل چىشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى بىر تال گۈرۈچ چوڭلۇقىدىكى پىل چىشى دانىچىسىگە گۈزەل تاغ - دەريا، كامالەتكە يەتكەن ھۆسنخەت ياكى بەجايى جېنى باردەك ئادەملەرنى ئويۇپ چىقىرىدۇ. گۇاڭجۇنىڭ پىل چىشى ئويمىچىلىقى ئۇ يېقىدىن بۇ يېقى كۆرۈنىدىغان تېشىپ ئويۇش ماھارىتى بىلەن داڭقى چىققان. پىل چىشى شارى − گۇاڭجۇ پىل چىشى ئويمىسىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇنىڭدا بىر پارچە پۈتۈن پىل چىشى ماتېرىيالى ئۇستىلىق بىلەن نېپىز شار شەكلىدە قاتمۇ قات تېشىپ ئويۇلىدۇ. ھەربىر قەۋىتى بىمالال ئايلىنىۋېرىدۇ. ھەربىر قەۋىتىگە نەپىس نەقىشلەر ئويىلىدۇ. گۇاڭجۇلۇق پىل چىشى ئويمىسى سەنئەتكارلىرى پىل چىشىنى كۆپ قاتلاملىق شار شەكلىدە ئويۇشنى100 يىلدىن ئىلگىرى ئىجاد قىلغانىدى. ھازىر قىرىق نەچچە قەۋەت ئويالايدۇ. ئۆرنەك - نەقىشلىرى تېخىمۇ مول بولۇپ لىرىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى