UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىسەنئەت ئەلچىسى دېگەن نامغا ئىگە يىپەك

سەنئەت ئەلچىسى دېگەن نامغا ئىگە يىپەك

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى 1000 يىللار ئىلگىرى ئاسىيا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتناش يولى بولغان. ئۇ شەرقتە شۇ چاغدىكى جۇڭگونىڭ پايتەختى بولغان چاڭئەن (بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرى)دىن باشلىنىپ، نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، تاكى ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەللەرنىڭ دوستلۇقى ۋە سودا ئوقەتچىلىكىنى تۇتاشتۇرغان. جۇڭگونىڭ گۈزەل يىپەكلىرى سەنئەت ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇشۇ يول ئارقىلىق، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىگە ئۈزۈلۈپ قالماي مېڭىپ تۇرغان. شۇڭا، ياۋروپالىقلار بۇ يولنى «يىپەك يولى» دەپ ئاتاشقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى بىر رىم پادىشاھى جۇڭگونىڭ يىپىكىدىن تىكىلگەن تون كىيىپ ئويۇن كۆرگىلى بارغاندا پۈتۈن تىياتىرخانىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، كىشىلەر جۇڭگونىڭ يىپىكىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيەلىسە ئۆزىنى بەختلىك ھېسابلاشقان. جۇڭگومۇ مۇشۇ سەۋەبتىن «شەرقتىكى يىپەك دۆلىتى» دەپ ئاتالغان. جۇڭگو ئەڭ بالدۇر يىپەك كەشىپ قىلغان دۆلەت.4 -5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا جۇڭگودا يىپەك قۇرتى پىلىسىدىن يىپەك توقۇش ئىشلەپچىقىرىشى بارلىققا كەلگەن. جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە يىپەك ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ مۇھىم كىيىم - كېچەك ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يىپەك توقۇش تېخنىكىسى خېلىلا ئۆسكەن. گۈل نۇسخىلىرى ۋە مەھسۇلات تۈرلىرى تېخىمۇ مول بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى «لياۋلىڭ» ۋە «خۇڭ رۇڭ تەن» (تىۋىتلىك قىزىل ئەدىيال) ئەڭ داڭلىق. قەدىمكى دەۋردىكى شائىر بەي جۈيى: »مەپتۇن بولۇپ چېۋەر كەشتە ھۆسنىدىن، كەلدى تۇرنا كۈز بۇلۇتى قەھرىدىن. كۆز قامىشار كەشتە گۈللەر جىلۋىسىدىن، رەڭ بەرگەچ چاڭجياڭ سۈيى تېرەن قىنىدىن« دەپ نەزم يېزىپ، ئۇلارنىڭ نەپىس ۋە كۆركەملىكىنى مەدھىيىلىگەن. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى مەزگىللىرىدە، يىپەكنىڭ گۈل ۋە نەقىشلىرى تېخىمۇ ھەرخىللاشقان، رەڭلىرى تېخىمۇ مول بولغان. يىپەكنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. ئۇنىڭدىن كىيىم تىكىشكىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ھۆسنخەت يازغىلى ۋە رەسىم سىزغىلى بولىدۇ. سەلتەنەتلىك رەڭدار يىپەكلەردىن زوقلانغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى
سەنئەت ئەلچىسى دېگەن نامغا ئىگە يىپەك | UyghurWiki | UyghurWiki