UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىلىشۇ يېزىقى ۋە چېڭ مياۋ

لىشۇ يېزىقى ۋە چېڭ مياۋ

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لىشۇ يېزىقىنى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چېڭ مياۋ ئىجاد قىلغانىكەن. بۇرۇن ئۇششاق ئەمەلدارلار ۋە قۇللار ئىچىدە قوللىنىلغاچقا، لىشۇ يېزىقى («隶» قۇل، مالاي مەنىسىدە − ت) دەپ ئاتالغانىكەن. چېڭ مياۋ تۈرمىدە گۇندىپاي بولغان، بۇ پۈتۈكچىلىككە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى. ئۇ گېپى تۈز كىشى بولغاچقا، چىن شىخۇاڭ ئۇنىڭغا گۇناھ ئارتىپ تۈرمىگە قامىغان. ئۇ تۈرمىدە10 يىل ياتقان. چېڭ مياۋ تۈرمىدە ئىزچىل خەتتاتلىقنى تەتقىق قىلغان. ئۇ خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھەر خىل خەت نۇسخىلىرىنى يىغىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان، پىششىقلاپ رەتلەپ، قوپاللىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، نەپىسلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، چوڭ - كىچىك جۈەنشۇ خەتلىرىنىڭ يۇمىلاق ئايلانمىلىق خەت شەكلىنى پۈكۈلگەن چاسا شەكىلگە ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇرەككەپلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ ئاددىيلاشتۇرۇپ، يېڭى خەت شەكلى − لىشۇ يېزىقىنى ياراتقان. لىشۇ يېزىقى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئىككى خەن دەۋرى، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرلىرىدىن ئۆتۈپ، تاكى كەيشۇ يېزىقى بارلىققا كەلگۈچە كەڭ قوللىنىلدى. بۇ ئۇزاق تارىخىي مەزگىللەر ئىچىدە لىشۇ يېزىقىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسلۇبى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى ۋە گۈزەللەشتى. چىن سۇلالىسى دەۋرىدە لىشۇ يېزىقى يېڭى بارلىققا كەلگەندە، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قەلەم ئىشلىتىلىشىدە جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ تۈسى بار ئىدى، ئۇزۇنلۇقى ۋە ياپىلاقلىقى بىردەك ئەمەس ئىدى، خەتلەرنىڭ دولقۇنسىمانلىقىمۇ روشەن ئەمەس ئىدى. ئۇنى كەيشۇ يېزىقىنىڭ ئىرماپ - چىرماپ يېزىلغان نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولاتتى. شەرقىي خەن دەۋرىگە كەلگەندە لىشۇ يېزىقى زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، رەتلىكلىك ۋە نەپىسلىككە يۈزلەندى، قۇرۇلمىسىمۇ ياپىلاقلىشىپ باردى. سىزىقلىرىدا كۈچلۈك دولقۇنسىمانلىق بارلىققا كېلىپ، خەن دەۋرىدىكى لىشۇ يېزىقىنىڭ ئۆزگىچە نۇسخىسى شەكىللەندى. خەن دەۋرىدىكى لىشۇ يېزىقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە قەلەم ئىشلىتىلىشى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، كەيشۇ ۋە باشقا خەت نۇسخىلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇسلۇبىنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. لىشۇ يېزىقى يۇقىرىدا چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ قائىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقى، تۆۋەندە ۋېي - جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي - تاڭ دەۋرلىرىدىكى كەيشۇ يېزىقىنىڭ ئۇسلۇبىغا تۈرتكە بولغانلىقى ئۈچۈن، خەن دەۋرىدىكى لىشۇ يېزىقى خەتتاتلىق تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ دېيىلىدۇ. چىن دەۋرى ۋە تاڭ دەۋرىدىن كېيىن تاكى ھازىرغىچە مەخسۇس لىشۇ خەتتاتلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان خەتتاتلار بار. لىشۇ يېزىقى بىر خىل خەتتاتلىق سەنئىتى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى
لىشۇ يېزىقى ۋە چېڭ مياۋ | UyghurWiki | UyghurWiki