UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىگىلەملەر

گىلەملەر

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى گىلەم ئادەتتە پاختا، يۇڭ، چىگە يىپ قاتارلىقلارنى خام ماتېرىيال قىلىپ توقۇلىدۇ. نەقىشلىرى ئاددىي، چوڭ سۈپەت بولۇپ تۈرى ئىنتايىن كۆپ. جۇڭگو گىلەملىرى ئۆزىنىڭ ئەلا سۈپىتى، ئۆزگىچە ھۈنەر - سەنئىتى، ئاددىي، چوڭ سۈپەت نەقىشلىرى بىلەن دۇنيادا ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىگەن. جۇڭگو گىلەملىرى كۆپىنچە ئەل ئارىسىدىكى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان زىننەتلىمە نەقىشلەرنى قوللانغان بولۇپ، قەدىمكى ئۆرنەك نۇسخا، ئوردا - ساراي نۇسخا، مىللىي نۇسخا، گۈل - قۇش نۇسخا قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىلاردا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى نەپىس برونزا قوراللار، ساپال، فارفور قاچىلار، سىرلىق قاچا، يىپەك توقۇلما بۇيۇملار، تاش غار ھەيكەل ۋە رەسىملىرى قاتارلىق قەدىمكى ئۆرنەكلەر نۇسخىسى، چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ ئورتودوكسال (ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان) گىلەم نەقىشى دەپ ئاتالغان نۇسخىلارمۇ بار. بېيجىڭنىڭ قەدىمكى ئۆرنەك نۇسخىسىدىكى ئۇچۇۋاتقان سۇمۇرغ گىلىمى1984 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك لېپىسىگ (gozpeL) خەلقئارا يەرمەنكىسى بىلەن ياز پەسىللىك پوتىسنان خەلقئارا يەرمەنكىسىدە ئىككى قېتىم ئالتۇن مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ رەڭلىرى سەلتەنەتلىك، ھۈنەر - سەنئىتى نەپىس، نەقىشتىكى پەرۋاز قىلىۋاتقان سۇمۇرغ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن نېلۇپەر گۈللىرى، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۆك گۈللۈك سۇمۇرغ باشلىق فارفور چەينەك ۋە كۆك گۈللۈك فارفور تەخسىدىكى نەقىشلەرگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن. جۇڭگونىڭ ئالىي دەرىجىلىك قولدا توقۇلغان گىلەملىرى، يەرگە سېلىشقىلا ئىشلىتىلىپ قالماستىن بەلكى گۈزەل بەدىئىي زوقلىنىش بويۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.60 - يىللارنىڭ باشلىرىدا، تيەنجىن گىلەمچىلىك زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان سەنئەتلىك ئاسما گىلەملەر قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە كۆپ قېتىم چەت ئەللىك باشلىقلارغا ھەدىيە قىلىنغان.1974 - يىلى جۇڭگو ب د ت غا سوۋغا قىلغان كەڭلىكى10 مېتىر، ئېگىزلىكى5 مېتىر كېلىدىغان «سەددىچىن» دېگەن چوڭ تىپتىكى سەنئەتلىك ئاسما گىلەم دۇنيانى تېخىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى
گىلەملەر | UyghurWiki | UyghurWiki