UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىچاسا سۇڭ ئىچىدىكى سەنئەت − تامغىچىلىق

چاسا سۇڭ ئىچىدىكى سەنئەت − تامغىچىلىق

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى تامغىچىلىق خەتتاتلىق، رەسساملىق ۋە ئويمىچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلەشكەن سەنئەت، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا جۈەنشۇ يېزىقىنى يېزىش ئۇسلۇبى، ئويمىچىلىقتا پىچاق سېلىش ئۇسۇلى، رەسساملىقنىڭ تەرتىپ ۋە سىستېمىسى تامغىدا مۇجەسسەملىشىدۇ، تامغا ئاران بىر سۇڭ چوڭلۇقتىكى چاسا سورۇن بولسىمۇ، كەڭ بىر سەنئەت دۇنياسىدىن ئىبارەت. تامغىچىلىقتا يېزىق بىلەن شەكىل يارىتىش يادرو قىلىنىدۇ، يېزىقنىڭ ئابستراكتلىقىغا تايانغان ھالدا، يېزىق سەنئىتىنىڭ گۈزەللىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ خەتتاتلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، لېكىن پەرقى بار. خەتتاتلىق يۇڭ قەلەم، سىياھ ۋە قەغەز ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ، تامغىچىلىق بولسا پىچاق ۋە تاش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. خەتتاتلىقتا قەلەمنى تەۋرەتسىلا ئەسەر پۈتۈپ چىقىدۇ، تامغىچىلىقتا خەتنىڭ ئىزناسى پىچاق بىلەن ئويۇلىدۇ، بۇ چاغدا پىچاق ئىشلىتىش ماھارىتىمۇ رول ئوينايدۇ. تامغىچى جەزمەن خەتتاتلىقتىن ئاساسى پۇختا بولغاندا، بولۇپمۇ جۈەنشۇ يېزىقىنى تونۇغان، يېزىش ئۇسۇلىنى بىلگەندىلا، تامغا ئويۇش جەريانىدا بىر قاتار سەنئەتلىك بىر تەرەپ ئىشلىرىنى جايىدا ئىشلەپ، تامغىچىلىق سەنئىتى گۈزەللىكى پەللىسىگە يېتەلەيدۇ. تامغىچىلىق يەنە زوقلىنىش سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ. تامغىچىلىق تامغىدا يېزىق بىلەن شەكىل يارىتىش سەنئىتى بولغانلىقتىن، تامغىچىلىقنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى سىزىقلارنىڭ ئابستراكت گۈزەللىكى بىلەن قۇرۇلما شەكلىنى يارىتىشنىڭ ئابستراكت گۈزەللىكىدىن ئىبارەت. مىسالى، قۇرۇلما شەكلى گاھ بوراندىكى دەرەخقە، گاھ تىك ھاڭغا، گاھ قۇرۇغان پېلەككە، گاھ لەرزان ئوينىلىۋاتقان ئۇسسۇلغا ئوخشاش چەكسىز ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ھەممىسى كىشىدە باغلانما تەسەۋۋۇرنى قوزغايدۇ، ھەممىسىنىڭ گۈزەللىكىدىن زوقلانغىلى بولىدۇ. تامغا باشتا «ئىشەنچ بەلگىسى» ۋە «ھوقۇقنىڭ سىمۋولى» ئىدى، باشقا مەخسۇس سەنئەت خۇسۇسىيىتى يوق ئىدى. بىراق، ئەمەلىيەتتە كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي پىكىر ۋە يۈكسەك ئىشلەش ماھارىتىنى ئىپادىلەيتتى. پەقەت تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىلا، ئەمەلىي ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ئەدىبلەر، خەتتاتلار، ئەمەلدارلار، ئاقسۆڭەكلەر تەقلىد قىلىشىپ، ئۆزىنىڭ مەنسىپى، ئىسىم فامىلىسى، ئۇنۋانىنى ئويىدىغان بولدى، بارا - بارا ئەدەبىي مەنىگە ئىگە تامغىلارمۇ بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تامغا ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە، ھەم ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ قالدى. تامغا سۇڭ - يۈەن دەۋرلىرىگە كەلگەندە، يەنە خەتتاتلىق، رەسساملىق بىلەن بىرلىشىپ، خەتتاتلىق، رەسساملىق ئەسەرلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. مىڭ - چىڭ دەۋرلىرىگە كەلگەندە تامغىشۇناسلىق ئىلمى بارلىققا كېلىپ، تامغا ئويمىسى مەخسۇس سەنئەت سۈپىتىدە تەتقىق قىلىندى ھەم نۇرغۇن تامغىچىلىق ئېقىملىرى ۋە سەنئەت ئۇستىلىرى بارلىققا كەلدى. مەسىلەن، تامغىچىلىق ئېقىملىرىنىڭ بوۋىسى دەپ ئاتالغان ۋېن پېڭ، خې جېنجىدىن كېيىن «ۋۇمېن ئېقىمى» (سۇجۇ ئېقىمى)، «ئەنخۇي ئېقىمى»، «جېجياڭ ئېقىمى» قاتارلىق سەنئەت ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭ شىرۇ، جاۋجىچيەن، ۋۇچاڭشۇ، چى بەيشى قاتارلىقلار ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا بىر ئېقىم بولۇپ، تامغىدىن ئىبارەت بۇ بىر سۇڭلۇق چاسا سورۇندا ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش ۋەزىيىتىنى ياراتتى
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى