UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىتۆت چوڭ كەشتىچىلىك

تۆت چوڭ كەشتىچىلىك

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى كەشتىچىلىك − جۇڭگونىڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،2 −3 مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. سۇجۇ كەشتىسى، خۇنەن كەشتىسى، گۇاڭدۇڭ كەشتىسى ۋە سىچۈەن كەشتىلىرى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، «4 چوڭ داڭلىق كەشتە» دەپ ئاتالغان. سۇجۇ كەشتىسى ئەسلىدە سۇجۇدىكى ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇمى بولۇپ، ئۇستىلار40 خىلدىن ئارتۇق كەشتىلەش ئۇسۇلى،1000 خىلدىن ئارتۇق رەڭدار يىپلاردىن ئوبرازى ئەينەن، رەڭلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىممەتلىك بەدىئىي بۇيۇملارنى كەشتىلەپ چىقالايدۇ. سۇجۇ كەشتىچىلىكى ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇب ۋە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، «ئاق توز، ئالتۇن بېلىق، ئاسلان، تىڭ ۋاڭ ھۇجرىسى» (تىڭ پادىشاھ ھۇجرىسى) قاتارلىق زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە «ئاسلان» ئەڭ جانلىق بولۇپ، ئاسلاننىڭ كۆزلىرى روھلۇق پارقىراپ نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. تۈكلىرى قويۇق يۇمران بولۇپ، سۇجۇ كەشتىچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى. خۇنەن كەشتىچىلىكى − خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدا بارلىققا كەلگەن.19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا خۇنەن كەشتىچىلىك ئەسەرلىرى بىرخىل قىممەتلىك سەنئەت تاۋارى سۈپىتىدە دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا سېتىلىشقا باشلىدى. رەسساملار جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئۇسلۇبىنى كەشتىچىلىككە كۆچۈرۈپ كېلىپ، خۇنەن كەشتىچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. خۇنەن كەشتىچىلىرى70 نەچچە خىل كەشتىلەش ئۇسۇلى ۋە100 خىلدىن ئارتۇق رەڭلىك مەشۇت يىپلاردىن ھەرخىل ئوبرازلارنى ئوڭ - تەتۈر، قېنىق - سۇس كۆرۈنىدىغان يوشۇرۇن مەنىلىك كەشتىلەپ بېرەلەيدۇ. «سۇجۇ كەشتىچىلىكىدىكى مۈشۈك، خۇنەن كەشتىچىلىكىدىكى يولۋاس» ئەڭ داڭلىق. خۇنەن كەشتىچىلىك ئەسەرلىرى «شىر»، «يولۋاس» ئىپادىلەشكە ئەڭ ماھىر. ئۇلارنىڭ چەبدەس تېنى، شىددەتلىك ياۋۇز روھىي قىياپىتى تىرىكتەك ئەينەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇلار خۇنەن كەشتىچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلىرى. گۇاڭدۇڭ كەشتىسى - گۇاڭدۇڭ رايونىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئىتى بولۇپ، ئاز بولغاندىمۇ مىڭ يىللار ئالدىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، گۇاڭدۇڭدا كەشتىچىلىكتە داڭقى چىققان پىشقەدەم ئۇستىكارلار ۋۇجۇدقا چىققان. گۇاڭدۇڭ كەشتىسى رەڭلىرى قېنىق، يارقىن، نەقىشلىرى تولغان تەڭپۇڭ، سىممېترىك، رەتلىك، زىننەتلىنىشى كۈچلۈك بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەجدىھا ۋە سۇمۇرغ گۇاڭدۇڭ كەشتىچىلىكىدىكى ئەڭ ئەنئەنىۋى ئۆزگىچىلىككە ئىگە تېما. «قۇشلار شاھى سۇمۇرغ» گۇاڭدۇڭ كەشتىچىلىكىدىكى ئەنئەنىۋى مۇنەۋۋەر ئەسەر. ئۇنىڭدا ھەر خىل قۇشلارنىڭ ئۇچۇۋاتقان سۇمۇرغنى دەۋر قىلىپ پەرۋاز قىلىۋاتقان قىزغىن كەيپىيات ئىپادىلەنگەن بولۇپ، قۇت ۋە ياخشىلىققا تەمسىل قىلىنغان. «توققۇز ئەجدىھالىق چىمىلدىق» تا، سۇدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان توققۇز ئالتۇن ئەجدىھانىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇمۇ گۇاڭدۇڭ كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. سىچۈەن كەشتىچىلىكى − سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭدۇ شەھەر رايونىدا ئەۋج ئالغان ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى. جىن سۇلالىسى دەۋرىدە سىچۈەننىڭ كەشتىچىلىكى ئىنتايىن داڭق چىقارغان. سىچۈەننىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك ئۇسۇلى100 خىلدىن ئاشىدۇ. گۈل، قۇش، بېلىق، قۇرت - قوڭغۇزلارنى كەشتىلەپلا قالماستىن، تاغ - دەريا ۋە پېرسوناژلىق كۆرۈنۈشلەرنىمۇ ئىجاد قىلالايدۇ. «نېلۇپەر ۋە كارپ بېلىقى» بىلەن «خوراز ۋە تاجىگۈل» سىچۈەننىڭ ئەنئەنىۋى مەھسۇلاتلىرى. بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ سىچۈەن زالىغا قويۇلغان «نېلۇپەر ۋە كارپ بېلىقى» دېگەن چوڭ تىپتىكى كەشتىدە، ھەرخىل ھالەتتىكى32 دانە كارپ بېلىقى تىرىكتەك كەشتىلەنگەن بولۇپ، كارپ بېلىقلىرىنىڭ سۇدا ئۈزۈپ ئويناۋاتقان قىزىقارلىق كۆرۈنۈشى ئىپادىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى