UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىمىس جابدۇقلارغا قۇيۇلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى

مىس جابدۇقلارغا قۇيۇلغان خەتتاتلىق ئەسەرلىرى

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى مۇزېيلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، بەزى مىس جابدۇقلارغا قۇيۇلغان يېزىقلارنى ھەمىشە كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يېزىقلار ئەگرى - بۈگرى بولۇپ پەرق قىلماق تەس. ئۇلاردا كىتابلاردا يوق نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن؛ جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىدىكى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە؛ شۇنىڭدەك خەتتاتلىق تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر مەزگىلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يېزىق قۇيۇلغان مىس جابدۇقلاردىن ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى يىن - جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدە قۇيۇلغان مىس - برونزا جابدۇقلاردىكى يېزىقلارنى ئەڭ مەشھۇر دەپ ھېسابلاش مۇمكىن. ئالىملار بۇ يېزىقلارنى ئادەتتە «داڭقان يېزىقى» ياكى «مىس يېزىق» دەپ ئاتايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمىي يېزىقلار بولۇپ، خەتتاتلىق جەھەتتە جۈەنشۇ يېزىقى سىستېمىسىغا كىرىدۇ. شۇڭا، بۇ يېزىقلار جۈەنشۇ يېزىقىنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ئەمەلىي ماتېرىيالى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ. مىس جابدۇقلارغا قۇيۇلغان بۇ يېزىقلار ئاددىي ۋە سانى ئاز، ھەربىرىدە جىق بولسا100 خەت، ئازلىرىدا ئاران1 -2 خەت بار. خەتتاتلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يېزىقى ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن «دايۈي داڭقىنى، ماۋگۇڭ داڭقىنى، »چياڭپەن تەخسىسى، سەنشىپەن تەخسىسى، سۇڭدىڭ داڭقىنى، كېجۇڭ قوڭغۇرىقى، داكې داڭقىنى» قاتارلىقلار بار. بۇ يېزىقلارنىڭ سىزىقلىرى سىلىق، تەكشى؛ خەتلەرنىڭ بېشى، ئاخىرى ۋە ئايلانمىسى يۇمىلاق؛ قۇرۇلمىسى زىچ ۋە تەكشى؛ ئۇسلۇبى جىددىي ۋە ئۆلچەملىك، راۋان ۋە ئوچۇق بولۇپ، كېيىنكى جۈەنشۇ، لىشۇ، كەيشۇ، شىڭشۇ، ساۋشۇ يېزىقلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى