UyghurWiki›جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى›دېھقانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆرۈپ توقۇلغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى
دېھقانلار ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆرۈپ توقۇلغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
جۇڭگونىڭ يېزا - كەنتلىرى بىپايان. جەنۇبنىڭ بامبۇكزارلىقى، شىمالنىڭ بۇغدايلىقلىرى، تاغلارنى قاپلاپ تۇرغان چاتقاللىقلار، ئېڭىشسىلا قولغا چىقىدىغان قوناق شاخلىرى سەنئەتكارلارنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۆرۈپ - توقۇشى ئارقىلىق، قىممەتلىك ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىدىن زوقلانغىلىمۇ بولىدۇ ھەم ئەمەلىي ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئۆزى چىرايلىق باھاسى ئەرزان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھۆسن قوشىدۇ.
بامبۇك ئۆرۈمەنىڭ خام ئەشياسى ئىنچىكە - توملۇقى ئوخشاش قىلىپ تىلىنغان بامبۇك تىلىنمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭياڭ ۋە شىڭشيەن ناھىيىلىرى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چۈەنجۇ ۋە پۇتيەن ناھىيىلىرى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شۇجىڭ دېگەن يېرى، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ ۋە چۇڭچىڭ شەھەرلىرى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ يىياڭ قاتارلىق جايلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ بامبۇكتىن ئۆرۈپ ياسىغان ھايۋاناتى ئۇچۇۋاتقان، مېڭىۋاتقان، ئولتۇرغان، ياتقان، ئېتىلىۋاتقان دېگەندەك ھەر خىل شەكىللەردە بولۇپ، شەكلى گۈزەل، روھىي قىياپىتى جانلىق، بامبۇكتىن ئۆرۈلگەن ھايۋانات بىلەن ئەنئەنىۋى كۈندىلىك بۇيۇملار قالتىس بىرلەشتۈرۈلگەن. مەسىلەن، «توخۇ كومزەك، ئۆردەك كومزەك، غاز سېۋەت» قاتارلىقلاردىن ھەم زوقلانغىلى بولىدۇ، ھەم ئۇلارغا نەرسە قاچىلاشقا بولىدۇ، بۇنى كىشىلەر بەكمۇ ياقتۇرىدۇ. شىڭشيەن ناھىيىسىنىڭ «جاۋلېندىكى ئالتە ئارغىماق» دېگەن چوڭ تىپتىكى بامبۇك ئۆرۈمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى22 .8 مېتىر، ئېگىزلىكى35 .2 مېتىر، قېلىنلىقى68 .0 مېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ بامبۇك ئۆرۈمە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى. چىمىلدىقتىكى تۇرقى - ھالىتى ھەر خىل بولغان ئالتە ئارغىماقنىڭ يۇڭ تۇيغۇسى، مۇسكۇل ۋە ھەرىكەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى ئاتلىرىنىڭ قاۋۇل ۋە چەبدەسلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئېلىمىزنىڭ80 - يىللاردىكى بامبۇك ئۆرۈمە ماھارىتىنىڭ سەۋىيىسىنى تولۇق نامايان قىلغان. ھەرقايسى جايلارنىڭ بامبۇك ئۆرۈمە مەھسۇلاتلىرى سېۋەت، تەخسە، تەلەڭگە، لوڭقا، بورا قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىدۇ.
پاخال ئۆرۈمە ئېلىمىزگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلار شەندۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدىن ئىبارەت. كەڭ دېھقانلار ۋە سەنئەتكارلار ئۆز جايلىرىدىكى قوناق شېخى، ئۈچ قىرلىق سىرپ، ئىمپېراتا قومۇشىغا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەر ۋە سامان، پاخال قاتارلىق مول يەرلىك خام ئەشيالاردىن پايدىلىنىپ، باش كىيىم، سېۋەت، باسماق كەش (ساپما كەش)، سومكا، گىلەم، بورا قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئۆرۈپ توقۇيدۇ. بۇلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، سۈپىتى ئەلا، ئاددىي - نەپىس ئۇسلۇبتا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا توختىماي سېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ پالما تالاسىدىن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىگە تالاسىدىن ئۆرۈگەن بۇيۇملىرىمۇ، ئۆزىنىڭ پۇختا، چىدامچانلىقى، يەڭگىل، ئازادە بولۇشتەك ئەنئەنىۋى ئۆزگىچىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.