UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىساۋشۇ يېزىقى

ساۋشۇ يېزىقى

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى ساۋشۇ (تېز يازما) تېز يېزىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن. خەتلەرنى پەرق ئەتكىلى بولسىلا بولدى. كېيىنچە ئىشلىتىش جەريانىدا ساۋشۇ (تېز يازما) سەنئىتى بارلىققا كېلىپ، جۇڭگونىڭ بەش چوڭ خەت نۇسخىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ساۋشۇ يېزىقى جاڭساۋ يېزىقى، جىنساۋ يېزىقى ۋە كۇاڭساۋ يېزىقى دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. جاڭساۋ يېزىقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىشۇ يېزىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا پەيدا بولغان، ئۇ لىشۇ يېزىقىنى تارقاقلاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ يېزىش ئۇسۇلىدۇر. تارىختىن يەر ئاستىدىن قېزىلىۋاتقان تارىشا پۈتۈكلەر ۋە شايى پۈتۈكلەردىن بۇ نۇقتىنى ئېنىق كۆرۈش مۇمكىن. مەسىلەن، «قۇملۇقتىن تېپىلغان تارىشا پۈتۈكلەر، تەلتۆكۈس يوقىتىش تارىشا پۈتۈكى، ۋۇۋېي تېبابەتچىلىك تارىشا پۈتۈكى، جۇيەنخەن تارىشا پۈتۈكى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لىشۇ يېزىقى تۈسى قويۇق جاڭساۋ يېزىقىدىكى ئەسەرلەردۇر. ساۋشۇ نۇسخىدىكى يۇلىشۇ يېزىقلىرى ساۋشۇ خەتتاتلىقى بويىچە رەتلىنىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، لىشۇ يېزىقىنىڭ قەلەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىدىن تامامەن ۋاز كەچمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، يېزىش سۈرئىتى تېزلىتىلىپلا قالماي، جاڭساۋ خەتتاتلىق سەنئىتىمۇ شەكىللەندۈرۈلگەن. مەشھۇر جاڭساۋ يېزىقىدىكى ئابىدىلەردىن خۇاڭ شياڭنىڭ «ئالدىراش ئىشلەنگەن پۈتۈك» سوجىڭنىڭ «لەشكەر تارتىشقا مەدھىيە» قاتارلىقلار بار. جىنساۋ يېزىقى جاڭساۋ يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن، جاڭساۋ يېزىقىدىنمۇ جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، خەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمىسىمۇ، سىزىقلىرى توم - ئىنچىكە، يېزىلىشى تۈز - قىيپاش بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئەگەر جاڭساۋ يېزىقى لىشۇ يېزىقىنىڭ تېز يېزىلغان نۇسخىسى دېيىلسە، ئۇ ھالدا جىنساۋ يېزىقىنى كەيشۇ ۋە شىڭشۇ يېزىقلىرىنىڭ تېز يېزىلغان نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. خەتتاتلىق تارىخىدا «ساۋشۇ خەتتاتلىقىنىڭ پىرى» دەپ ئاتالغان جاڭ جى (بو يىڭ) جىنساۋ خەتتاتلىقىنىڭ ماھىرىدۇر. ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن جىنساۋ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنىمۇ شۇ ئىجاد قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، ۋاڭ شىجى، جى يۇڭ، سۈن گوتىڭ قاتارلىقلارمۇ جىنساۋ خەتتاتلىرىدۇر. ۋاڭ شىجىنىڭ «شىچىتيې» «شىچى» (七十) بىلەن باشلىنىدىغان قوليازما، جى يۇڭنىڭ «ساۋشۇ يېزىقىدىن مىڭ خەت»، سۇن گوتىڭنىڭ «خەتتاتلىق ھەققىدە» دېگەن ئەسەرلىرى تارىختىن بۇيان خەتتاتلارغا ئۆرنەك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كۇاڭساۋ يېزىقى جىنساۋ يېزىقىدىنمۇ بەكرەك ئىختىيارىي يېزىلىدىغان خەت نۇسخىسىدۇر. ئۇ ھەرقانچە ئىختىيارىي كۆرۈنسىمۇ، يەنىلا قانۇنىيىتى ۋە ئۆلچىمى بار، خالىغانچە كەلسە - كەلمەس جىجاش ئەمەس، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر خەتتات جاڭ شۈينىڭ «مىڭ خەتلىك رىسالە» ۋە خۇەي سۇنىڭ «بايانلىرىم» دېگەن ئەسەرلىرى كۇاڭساۋ يېزىقىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. كۇاڭساۋ يېزىقى قەلەم ئوينىتىش بەھۇزۇر، كۆرۈنۈش ھەيۋەتلىك، سىزىقلىرى بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ كەتكەن، ئۆزگىرىشچانلىقى چەكسىز بولۇپ، بەئەينى بىر دەبدەبىلىك سىمفونىيىگە ئوخشايدۇ، ھەقىقەتەن قالتىس. ساۋشۇ يېزىقىنى تونۇماق تەس، ئىگىلىمەكمۇ تەس، ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ. لېكىن، خەتتاتلىق سەنئىتى تارىخىدا ئورنى يۇقىرى، چۈنكى، ساۋشۇ يېزىقى باشقا ھەر خىل خەت نۇسخىلىرىنىڭ چەكلىمىسى ۋە ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۈەنشۇ، لىشۇ، كەيشۇ، شىڭشۇ خەت نۇسخىلىرىنى يۇغۇرۇپ بىر قىلدى، يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇلغان ۋە چەكسىز ئۆزگىرىشچان ماھارىتى بىلەن ئۆزگىچە خەتتاتلىق شەكلى بولۇپ شەكىللەندى. ساۋشۇ خەتتاتلىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلارنىڭ كەيشۇ ۋە شىڭشۇ خەتتاتلىقىدىن ئاساسى پۇختا بولمىسا، ساۋشۇ خەتتاتلىقىنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقمايدۇ، ئۆگەنمىكى تەس. شۇڭلاشقا، ساۋشۇ خەتتاتلىقىنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئاۋۋال كەيشۇ خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىشى كېرەك. بىراقلا ساۋشۇ خەتتاتلىقىدىن قول سالسا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى
ساۋشۇ يېزىقى | UyghurWiki | UyghurWiki