قەدىمكى دەۋردىكى بەش چوڭ خەتتات
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق خەتتاتلىق تارىخىدا نۇرغۇن خەتتاتلار بارلىققا كەلگەن. جىن دەۋرىدىكى ۋاڭ شىجى، تاڭ دەۋرىدىكى ئوۋياڭ شۈن، يەن جېنچىڭ، ليۇ گۇڭچۈەن، سۇڭ دەۋرىدىكى سۇشى قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەسىرى چوڭراق بولغان مەشھۇر خەتتاتلاردۇر.
ۋاڭ شىجى (321 −379 ) تەخەللۇسى يىشاۋ، شەندۇڭنىڭ لىنيى دېگەن يېرىدىن.7 يېشىدا ۋېي فۇرىن (ۋېي خانىم)دىن خەتتاتلىقنى ئۆگەنگەن. كېيىن مەشھۇر تاغ - دەريالارنى ساياھەت قىلىپ، چىن - خەن دەۋرلىرىدىكى خەتتاتلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ يىغىپ، تەبىئىي، سەلتەنەتلىك، چوڭقۇر مەنىلىك ئۆزگىچە ئۇسلۇب شەكىللەندۈرۈپ، كۆڭۈلگە ياقىدىغان كۆركەم بىر دەۋر يېڭى خەتتاتلىق ئۇسلۇبىنى بەرپا قىلغان. «لەنتىڭ توپلىمىغا كىرىش» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ۋاڭ شىجى خەتتاتلىقنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە تۈرتكە بولۇش رولىنى ئوينىغان، تارىختىن بۇيان «خەتتاتلىق پىرى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
ئوۋياڭ شۈن (557 -641 ) تەخەللۇسى شىنبىن، خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدىن، خەتتاتلىقنى يېڭى ئۆگىنىشكە كىرىشكەندە، ۋاڭ شىجىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «جيۇچېڭگۇڭ سارىيىدىكى تاتلىق بۇلاق ئابىدىسى» دە ۋاڭ شىجىنىڭ كەيشۇ نۇسخىسىدىكى خەتتاتلىق پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئوۋياڭ شۈن شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ئابىدە ئويما نۇسخىلىرىنىمۇ كۆپ ئۆگەندى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى باشقا خەتتاتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى يۇغۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە جۇشقۇن، ئۆلچىمى قاتتىق ئۆزگىچە ئۇسلۇب شەكىللەندۈردى. ئۇنىڭ خەت نۇسخىلىرى ئادەتتە «ئوۋياڭ شۈن خەت نۇسخىسى» دېيىلىدۇ. ئوۋياڭ شۈن خەت نۇسخىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ «جۇشقۇن» لىقىدا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇشقۇنلۇق ئىچىدە سىلىقلىقمۇ بار. قارىماققا، تىك يار لېۋىگە سېلىنغان ئېگىز راۋاققا ئوخشايدۇ. تولىمۇ خەتەرلىك، بىراق، راۋاقنىڭ ئۇلى پۇختا ۋە مۇستەھكەم.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يەنە بىر داڭلىق خەتتات يەن جېنچىڭ (709 −785 ) جىڭچاۋنىڭ ۋەنتيەن دېگەن يېرى (ھازىرقى شەنشىنىڭ شىئەن شەھىرى)دىن. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبى كۈچلۈك ۋە ھەيۋەتلىك بولۇپ، ۋېي - جىن دەۋرى خەتتاتلىقىنىڭ ئاسارىتىدە چۈشىلىپ قالمايدىغان يۈرەكلىك يېڭىلىق يارىتىش روھىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ تاڭ دەۋرى خەتتاتلىرىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان روھتۇر.
ئۇنىڭ خەت ئۇسلۇبى سالماق ۋە ۋەزىنلىك، ئاددىي ۋە تەبىئىي گۈزەللىككە ئىگە بولۇپ، سۆلەتلىك ۋە سالاپەتلىك، ئوچۇق ۋە سەلتەنەتلىك كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
يەن جېنچىڭنىڭ خەتتاتلىقى ۋېي - جىن دەۋرىدىن كېيىن يېڭى بىر سەھىپە ئاچقان بولۇپ، تاڭ دەۋرى خەتتاتلىقىنىڭ ئىككىنچى يۇقىرى دولقۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى، ئۇنىڭ مەشھۇر ئابىدىلىرىدىن «دوباۋتا مۇنارى ئابىدىسى»، «ماگۇ پەرى ئابىدىسى»، «يەن ھەزرەت ئىبادەتخانا ئابىدىسى»، «يەن چىلى ئابىدىسى»، «ئورۇن تالىشىش»، «جيەن تەزىيەنامىسى» قاتارلىقلار بار.
تاڭ دەۋرىدىكى نامى يەن جېنچىڭ بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان خەتتات شەنشىنىڭ ياۋشەن ناھىيىسىدىن ليۇگۇڭچۇەندۇر (778 −865 ). ئۇ تاڭ دەۋرىدىكى خەتتاتلىقنىڭ ئىككىنچى يۇقىرى دولقۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخس. ۋاڭ شىجى خەتتاتلىقىنىڭ ليۇگۇڭچۈەننىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىغا تەسىرى بەك چوڭ، لېكىن ليۇگۇڭچۈەنمۇ سۈي - تاڭ دەۋرلىرىدىن بۇيانقى خەتتاتلىق نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بارا - بارا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ۋە ياداڭغۇ ئۇسلۇبىنى ياراتتى. ئۇ خەتتاتلىقتا يەن جېنچىڭ خەت نۇسخىسىنى كۆپرەك قوبۇل قىلغان بولۇپ، قەلەم ئىشلىتىش جەھەتتە خەتنىڭ ئۇستىخانلىق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نەپىس بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ؛
قۇرۇلما جەھەتتە ئىنچىكە ۋە نازۇك بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوچۇق ۋە تەبىئىيلىكنى يوقىتىپ قويماسلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ليۇگۇڭچۈەننىڭ خەت نۇسخىسى بىلەن يەن جېنچىڭنىڭ خەت نۇسخىسىنى سېلىشتۇرغاندا، ليۇ گۇڭچۈەن نەپىسلىك ئىچىدە ھەيۋەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، يەن جېنچىڭ ھەيۋەتلىك ئىچىدە نەپىس بولۇشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەرقايسىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، «يەن سىڭىر، ليۇ ئۇستىخان» دېگەن گەپ بار. ليۇگۇڭچۈەننىڭ مەشھۇر ئابىدىلىرىدىن «شۈەنمىتا مۇنارى ئابىدىسى»، «خىسلەتلىك قوشۇن ئابىدىسى» قاتارلىقلار بار.
سۇڭ دەۋرى خەتتاتلىرى تاڭ دەۋرىگە يەتمىسىمۇ، شىڭشۇلۇق ساۋشۇ خەتتاتلىقىدا يەنىلا يېڭى بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. قەدىمكىلەر خەتتاتلىقتا «جىن دەۋرىدە رىتىمگە، تاڭ دەۋرىدە ئۇسۇلغا، سۇڭ دەۋرىدە مەنىگە ئەھمىيەت بېرىلدى» دېيىشىدۇ. سۇڭ دەۋرى خەتتاتلىقىدىكى «مەنىگە ئەھمىيەت بېرىش» روھنى، شەخسنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. سۇشى ئەنە شۇنداق خەتتاتتۇر.
سۇ شى (1036 −1101 ) تەخەللۇسى زىجەن، لەقىمى دۇڭپو ئۇلىما، سىچۈەننىڭ مېيشەن دېگەن يېرىدىن. ئۇنىڭ بىلىمى كەڭ بولۇپ ھەم ئەدىب، ھەم خەتتات.
ئۇ ئۆمۈر بويى خەت يېزىشقا ھېرىسمەن بولۇپ كەلدى، قەلەم، قەغەز كۆرسىلا يازاتتى. بىراق، ئەزەلدىن باشقىلار ئۈچۈن يېزىپ بەرمەيتتى. ياش ۋاقىتلىرىدا مىس ۋە تاش ئابىدە يېزىقلىرىغا كۆڭۈل قويدى، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يەن جېنچىڭنىڭ خەتتاتلىق ئۇسلۇبىغا چوقۇندى. لېكىن، ئۇ بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن باغلىنىپ قالماي، نۇرغۇن خەتتاتلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ئاساسىدا، ئۆزىنىڭ تەمكىن، ئۇستىخانلىق، مەردانە خەتتاتلىق ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، ھەم ۋېي - جىن دەۋرىدىكىگە، ھەم تاڭ دەۋرىدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر گۈزەل سەھىپىنى بەرپا قىلدى.
سۇ شىنىڭ قارىشىچە «خەتتاتلىقنىڭ دائىمىي ئۇسۇلى يوق»؛ لېكىن، ئەمەل قىلغۇدەك قائىدە يوقمۇ ئەمەس، مۇھىمى ئالدىنقىلارنىڭ ئۇسۇلىغا باغلىنىپ قالماسلىق لازىم. ئۇ يەنە كۆرگەن - بىلگىنى كۆپ بولۇش، بىلىمى مول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ شۇنداقلا خەتتاتلىقتا مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بولمىسا جاپاغا تۇشلۇق نەپ كۆرگىلى بولمايدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ خەتتاتلىقنى ئۆگىنىشتە ئۆزىنىڭ قارىشى بولماي، باشقىلارغا تەقلىد قىلسا، ھەرقانچە ئەمگەك سىڭدۈرسىمۇ شاگىرتلىقتىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ؛ كىتابنى كۆپ كۆرۈپ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكەندىلا، يازغان خېتىگە جان كىرىدۇ دەيدۇ. سۇشىنىڭ مەشھۇر ئابىدىلىرىدىن «چوكانتال ھارپىسى»، «چىبى نەزمىسى»، «جۇڭشەن شارابى»، «دۇڭتىڭخۇ كۆلىدە باھار» قاتارلىقلار بار.