UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىبولقىنى قەلەم قىلغان تۆمۈر رەسىم

بولقىنى قەلەم قىلغان تۆمۈر رەسىم

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىغا ئۇزۇنلۇقى5 .4 مېتىر، كەڭلىكى5 .2 مېتىر كېلىدىغان «مېھمان قارشى ئېلىش تارىخى» دېگەن چوڭ تۆمۈر رەسىم تىزىلغان بولۇپ، رەسىمدىكى قارىغاينىڭ يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان، كۈچلۈك، سىزىقلىرى ئېنىق بولۇپ، جانلىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. تۆمۈر رەسىم «تۆمۈر گۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆمۈر تاختا ۋە تۆمۈر سىملارنى تاۋلاپ بولقىلاش ۋە كەپشەرلەش ئارقىلىق ھەر خىل تاغ - دەريا، گۈل - قۇش رەسىملىرىنى ياساپ چىقىدۇ. بۇ ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ،300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. «ۋۇخۇ ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە، تۆمۈر رەسىمنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ۋۇخۇلۇق تۆمۈرچى تاڭ تيەنچى ئىجاد قىلغانىكەن. تاڭ تيەنچى ئەسلىدە جياڭسۇلۇق بولۇپ، ئاپەتتىن قېچىپ ۋۇخۇغا كېلىپ، تۆمۈرچىلىك قىلىپ ياشانغان ئاپىسىنى باققان. بوش ۋاقىتلىرىدا پېشقەدەم قوشنىسىنىڭ رەسىم سىزغىنىنى كۆرگەن. بىر كۈنى تاڭ تيەنچى بۇ پېشقەدەمدىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمەكچى بولغان. ئەمما رەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن تاڭ تيەنچى بۇ پېشقەدەمنىڭ سىياھ تەڭشەپ كومپوزىتسىيە قۇراشتۇرۇشتەك ماھارىتىنى يوشۇرۇن كۆزىتىپ ئۆگەنگەن. بولقىنى قەلەم قىلىپ، تۆمۈرنى سىياھ قىلىپ، سەندەلنى سىياھتان قىلىپ، ئۆزگىچە بولغان تۆمۈر رەسىمىنى ئىجاد قىلغان. تۆمۈر رەسىم جۇڭگوچە رەسىمنىڭ قەلەم ئۇسۇلى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەل ئارىسىدىكى قەغەز قىيما، ياغاچ ئويما، ھەيكەلتىراشلىق قاتارلىق كۆپ خىل ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەينەك قىلىپ، رەسساملىق بىلەن ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمىنى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاق - قارىسى ئېنىق ئايرىلغان، تەمكىن، ساددا، مەردانە بولغان ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن. بىر پارچە تۆمۈر رەسىم ياساپ چىقىش ئۈچۈن، ئورىگىنالنى سىزىش، قىيىش، بازغانلاش، قىزدۇرۇپ بولقىلاش، سىرلاش، شام سۈركەش قاتارلىق باسقۇچلاردىن كېيىن ئاخىرىدا رامكىغا قاچىلىنىدۇ. تۆمۈر رەسىمنىڭ كىچىك ھەجىملىك مەنزىرە، گۈل، قۇش رەسىملىرى، چوڭ ھەجىملىك چىمىلدىق، ئاسما پانۇس قاتارلىق تۈرلىرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ستېرېئولۇق تۆمۈر رەسىم، تەشتەك مەنزىرىسى تۆمۈر رەسىم قاتارلىق يېڭى تۈرلىرى بارلىققا كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا داڭقى چىقتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى