UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىداڭقى يىراقلارغا كەتكەن فار فور قاچىلار

داڭقى يىراقلارغا كەتكەن فار فور قاچىلار

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى ئىنگلىزچە «China» دېگەن سۆزنىڭ »جۇڭگو« دېگەن مەنىسىدىن باشقا يەنە «فارفور قاچا» («چىنە») دېگەن مەنىسىمۇ بار. چۈنكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ فار فورچىلىق تېخنىكىسى جۇڭگودىن كىرگەن. شۇڭا، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر تاكى ھازىرغىچە فارفور قاچىنى (چىنىنى) «جۇڭگو» دەپ ئاتىشىدۇ. فارفور قاچا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ئېلىمىزدە فارفور قاچىلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، تەخمىنەن3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ فارفورچىلىق تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلغان. ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە ئۆزگىچە داڭلىق خۇمدانلار ۋە يېڭى مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلگەن. خېنەن ئۆلكىسىدىكى جۈنياۋ خۇمدانىنىڭ قېنىق رەڭلىك پارقىراق فارفور قاچىلىرى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق فارفور قاچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ياۋبيەن» («خۇمداندا ئۆزگەرگەن») دېگەن فارفور قاچىلار ئەڭ داڭلىق. جۈنياۋ خۇمدىنىنىڭ فارفور قاچىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېمال (سىر)غا مىسلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقى قوشۇلغاچقا، پىشۇرۇلۇپ چىققاندىن كېيىن قاچا يۈزىدە قىزىل، سۆسۈن، كۆك ۋە ئاق قاتارلىق چىرايلىق رەڭلەر جىلۋىلىنىپ، ئالتۇن ۋە قاشتېشىدىن قېلىشمايدىغان ئاجايىپ كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇڭچۈەن خۇمدىنىنىڭ كۆك رەڭلىك فارفور قاچىلىرى «قاشتېشىدەك سۈزۈك، ئەينەكتەك پارقىراق، سازدەك جاراڭلىق» ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپلا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئەرەبىستان، ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق يىراق جايلاردا سېتىلغان. ھازىر تۈركىيىنىڭ «ئىستانبول مۇزېيى» دا، سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى لۇڭچۈەن كۆك فارفور قاچىلىرىدىن مىڭدىن ئارتۇقى ساقلانماقتا. يۈەن سۇلالىسىدىن كېيىن، فارفورچىلىق كەسپى تېز تەرەققىي قىلغان جىندېجىن جۇڭگونىڭ «فارفور ئاستانىسى» دەپ ئاتالغان. جىندېجېن فارفور قاچىلىرىنىڭ شەكلى چاققان، رەڭلىرى يارقىن، زىننەتلىنىشى نەپىس، بۇنىڭ ئىچىدە كۆك گۈللۈك فارفور قاچا، ھال رەڭلىك فارفور قاچا، كۆك گۈللۈك نەپىس فارفور قاچا ۋە نېپىز فارفور قاچىلار ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ، پادىشاھلار ئۆزئارا ھەدىيە قىلىشىدىغان سوۋغات بۇيۇمى ئىدى. ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىز ساياھەتچىسى جېڭخې7 قېتىم دېڭىز - ئوكيانلارنى كېزىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ۋە ئافرىقىغا بارغاندا كۆك گۈللۈك فارفور قاچىلارنى ئېلىپ ماڭغان. خۇنەن ئۆلكىسىدىكى فىڭلىن، خېبېي ئۆلكىسىدىكى تاڭشەن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى يىشىن، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى زىبو قاتارلىق جايلاردىن چىقىدىغان فار فور قاچىلارمۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق دۇنيادا داڭقى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى
داڭقى يىراقلارغا كەتكەن فار فور قاچىلار | UyghurWiki | UyghurWiki