جىڭتەيلەن
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
جىڭتەيلەن − بېيجىڭنىڭ ئالاھىدە مەشھۇر ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئەسلىدە «تۇڭ تەي چياسى فالاڭ» (مىس قورساقلىق سىم گۈللۈك ئېماللىق لوڭقا) دەپ ئاتىلاتتى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭتەي يىللىرىدا (1450−1457) تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ياقۇتتەك كۆك رەڭ ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن جىڭتەيلەن دەپ ئاتالغان.
بېيجىڭ جىڭتەيلەننىڭ شەكلى گۈزەل، گۈل - ئۆرنەكلىرى زىل، رەڭلىرى يارقىن بولۇپ، ئېغىر - بېسىق، سالاپەتلىك، سەلتەنەتلىك بولۇشتەك ئۆزگىچىلىك شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ ئاپىرىن ئوقۇشى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئوردىسىدىكى قىممەتلىك زىننەت بۇيۇمى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا بازارلاردىمۇ داڭقى بار.1904 - يىللىق ئامېرىكا چېكاگو دۇنيا يەرمەنكىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئالغان.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەندى يىللىرىدىكى (1426−1436 ) مەھسۇلاتلار ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ بالدۇرقى جىڭتەيلەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىر دانە نەپىس جىڭتەيلەننى ياساپ چىقىش ئۈچۈن جىڭتەيلەننىڭ پىزىسنى ياساش، سىم چاپلاش، كۆيدۈرۈپ كەپشەرلەش، سىلىقلاش، ھەل بېرىش قاتارلىق37 ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن ئاندىن نەپىس، يارقىن بەدىئىي بۇيۇم بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ زوقلىنىشى ئۈچۈن لوڭقا، تەخسە، كومزەك، قۇتا قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ، گۈل لوڭقىسى، ئۈستەل چىرىغى، تاماكا ۋە ھاراق ئەسۋابلىرى، چاي ئىچىدىغان چىنە - چەينەك قاتارلىق ھەر خىل ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ بولىدۇ.