گىرۋەكلىرى كېلىشكەن جۈەنشۇ يېزىقى
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
جۈەنشۇ يېزىقى چوڭ جۈەنشۇ، كىچىك جۈەنشۇ دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
چوڭ جۈەنشۇ يېزىقى چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇن ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن يېزىق شەكلى. جۇ سۇلالىسىنىڭ شۈەنۋاڭ خانى زامانىسىدىكى «شىجۇ كىتابى» چوڭ جۈەنشۇ شەكلىدە يېزىلغان بالىلار خەت تونۇش كىتابىدۇر. كىتابنىڭ نامى «شىجۇ كىتابى» بولغانلىقتىن، چوڭ جۈەنشۇ شەكلى جۇۋېن يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يېزىق چىغىناق - تاغاق يېزىقىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەچكە، نۇرغۇن خەتلەر چىغىناق - تارغاق يېزىقىغا بەك ئوخشىشىدۇ.
كىچىك جۈەنشۇ يېزىقى چىن شىخۇاڭ ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، چىن سۇلالىسىدە ئورتاق قوللىنىلغان يېزىق شەكلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنى چىن دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى لى سى ئىجاد قىلغانىكەن. بۇ يېزىق شىگۇ يېزىقى ۋە چوڭ جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلۇشىدىن كەلگەن. چوڭ جۈەنشۇ يېزىقىغا قارىغاندا يېزىش ئوڭاي، كىچىك جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ سىزىقلىرى تەكشى، توم - ئىنچىكىلىكى ئوخشاش دېگۈدەك بولىدۇ. قەدىمىي يېزىقلار ئىچىدە بۇ يېزىق ساپ سىزىقلىق يېزىق شەكلىگە كىرىدۇ. كىچىك جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ قۇرۇلمىسى بىرلىككە كەلگەن، خەت شەكلى تىك تۆتبۇلۇڭ شەكلىدە، ئۈستى زىچ، ئاستى شالاڭ بولۇپ، مۇقىم ۋە ھەيۋەتلىك، بىمالال ۋە ئازادە بولۇش خۇسۇسىيىتىنى نامايان قىلىدۇ؛ ئۇسلۇب جەھەتتە تەكشى ۋە رەتلىك، ھەممە خەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، چاسا شەكىلدە تىزىلىدۇ، تىك قارىسىمۇ، توغرىسىغا قارىسىمۇ قۇر - قۇر كۆرۈنىدۇ، بۇ كىشىگە رەتلىكلىك گۈزەللىكى بەخش ئېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چاسىلىقىمۇ - يۇمىلاقلىقىمۇ بولغان كىچىك جۈەنشۇ خەت شەكلى شەكىللەنگەن. ھازىرغىچە پۇچۇقلىرى ساقلىنىپ قالغان خەت ئويۇلغان «تەيشەن تېشى» نىڭ خېتىنى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لى سى كىچىك جۈەنشۇ يېزىقى بىلەن يازغانىكەن. جەنشۇ يېزىقى گەرچە چىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاران25 يىل مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، لېكىن، جۈەنشۇ خەتتاتلىقى سەنئىتىدە جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا پارلاق بىر سەھىپە ياراتتى.
قەدىمكى دەۋردە ئۆتكەن جۈەنشۇ خەتتاتلىق ئۇستىلىرىدىن لى سىدىن باشقا، يەنە لى ياڭبىڭ، لى دۇڭياڭ، دېڭ شىرۇ، ياڭ يىسۇنلار بار.