قىرلىرى كۈچلۈك ۋېي ئابىدە يېزىقى
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
ۋىي ئابىدە يېزىقى ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە شىمالىي سۇلالىلەردە ئومۇملاشقان خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي نامى، ئاساسەن شىمالىي ۋېي، شەرقىي ۋېي، غەربىي ۋېي دەۋرلىرىدىكى ئابىدە تاشلىرىغا ئويۇلغان خەتلەرنىڭ خەتتاتلىق سەنئىتىنى كۆرسىتىدۇ.
جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى ئېلىمىز تارىخىدىكى ئەڭ ئەنسىز زامانلار ئىدى. مەدەنىيەت، سەنئەت خېلى ئەركىن بولۇپ، بۇددا دىنى كەڭ تارقىلىپ، يۈنگاڭ غارى، دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى، مەيجىشەن غارى، لۇڭمېن غارى دېگەندەك نۇرغۇن بۇددا غارلىرى قۇرۇلغانىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن تاش ئويما يېزىقلىرىمۇ بارلىققا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالىي ۋېي غارلىرىدىكى خەتتاتلىق سەنئىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ۋېي ئابىدە يېزىقى خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ قالدى.
»شىمالىي ۋېي دەۋرىدىن قالغان تاش ئويما خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى« بولۇپ، خەتتاتلىق تارىخىدا يۇقىرىدا ئىككى جىن خەتتاتلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش، تۆۋەندە سۈي - تاڭ خەتتاتلىقىغا تۈرتكە بولۇشتەك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
ۋېي ئابىدە خەتتاتلىقى ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرخىلى، بۇددا دىنىنىڭ ھەيكەل بېغىشلىمىلىرى؛ يەنە بىرخىلى، ئەل ئارىسىدىكى قەبرە تەزكىرە يېزىقى، يالغۇز لۇڭمېن غارلىرىدىلا مۇنداق ھەيكەل بېغىشلىمىلىرى3000 دىن ئاشىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى «لۇڭمېن يىگىرمە پارە» دۇر. «لۇڭمېن يىگىرمە پارە» نىڭ يېزىقى قالتىس، نۇسخىسى چىرايلىق، بىسى قويۇق، كۆرۈنۈشى تەبىئىي بولۇپ، ۋېي ئابىدە خەتتاتلىقىدىكى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. قەبرە تەزكىرىچىلىكى جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ناھايىتى ئەۋج ئالغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىمالىي ۋېي قەبرە تەزكىرىلىرى بۇرۇنقى دەۋرلەردىكىدىن كۆپ، ئۇسلۇب جەھەتتە خەن دەۋرىدىكى لىشۇ يېزىقىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئىگە بولۇپ، قۇرۇلمىسى چاسا شەكىللىك، سىزىقلىرى سالماق، ئۆزگىرىشچان، گۈزەللىكىگە كىشى قاراپ تويمايدۇ.
«ۋېي بەگلىكى تەيۋۇدى خانىنىڭ شەرقنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئابىدىسى»، «خۇايۆ ئىبادەتخانا ئابىدىسى»، «جۇڭيۆ ئالىي مەقبەرە ئابىدىسى» قاتارلىقلارنى ئەڭ دەسلەپكى ۋېي ئابىدە يېزىقى دەپ ھېسابلاش مۇمكىن. بۇ ئۈچ ئابىدە يېزىقىنىڭ سىزىقلىرى تۈز، قۇرۇلمىسى بىمالال، خەت شەكلى لىشۇ يېزىقى بىلەن كەيشۇ يېزىقىنىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ، يىرىك ۋە تەبىئىي، يۈكسەك دەرىجىدە ھەيۋەتلىك ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇلار ۋېي ئابىدە يېزىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.
ۋېي ئابىدە يېزىقى ئىچىدە «لۇڭمېن يىگىرمە پارە» دىكى «ياڭ دايەن»، «شى پىڭگۇڭ»، «ۋېي لىڭزاڭ»، «سۇن چيۇشېڭ» قاتارلىق تۆت پارە گىرۋەكلىرى ئېنىق، قەتئىي ۋە كەسكىن يېزىق دەپ سانىلىدۇ. لېكىن، مەنىسى چوڭقۇر دەپ قارىلىدىغىنى «جېڭ ۋىنگۇڭ ئابىدىسى» دۇر. بۇ ئابىدە يېزىقىنىڭ ئۇسلۇبىدا ھەم جۈەنشۇ يېزىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ھەم لىشۇ يېزىقىنىڭ نەپىسلىكى بار. «جاڭ مېڭلۇڭ ئابىدىسى» يېزىقى قۇرۇلما جەھەتتە ئىچى زىچ، سىرتى بوش، كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. قەلەم قۇۋۋىتى جەھەتتىن ئاددىي - ساددا، خەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەپچىل بولۇپ، رەتلىكلىك ئىچىدە ئۆزگىرىشچانلىق بار، سىلىقلىق ئىچىگە ئېگىز - پەسلىك يوشۇرۇنغان، تۇرقى نازاكەتلىك ۋە كۆركەم.
كاڭ يۇۋېي ۋېي ئابىدە يېزىقىنى ئون جەھەتتىن گۈزەل دەپ ئاتاپ، ۋېي ئابىدە خەتتاتلىقى كۈچلۈك، ئاددىي، تەبىئىي بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ يىغىنچاقلىغان.