UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىچىغىناق - تارغاق يېزىقى

چىغىناق - تارغاق يېزىقى

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى 1879 - يىلى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ دېگەن يېرىدىكى شاۋتۇنسۈن كەنتىدىكى دېھقانلار يەر ئاغدۇرۇۋېتىپ، يېزىقى بار نۇرغۇن ھايۋان سۆڭەكلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى يىغىپ دورا دۇكىنىغا ساتىدۇ. دوكان خۇجايىنى قەدىمكى يېزىقنى بىلمىگەچكە، «ئەجدىھا سۆڭىكى» ھېسابىدا سېتىۋالىدۇ. ئارىدىن20 نەچچە يىللار ئۆتىدۇ. دۇكاندىكى «ئەجدىھا سۆڭىكى» بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە سېتىۋالمايدۇ. لېكىن، ئاسار ئەتىقە سودىگەرلىرى بۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. ئۇلار «ئەجدىھا سۆڭىكى» دىكى يېزىقلارنى قەدىمكى ۋەسىقە بولۇشى مۇمكىن دەپ قىياس قىلىشىدۇ. بۇ سودىگەرلەر سۆڭەكلەردىن ئازراق سېتىۋېلىپ، بېيجىڭغا ئاپىرىپ، ئەينى چاغدىكى مەشھۇر ئابىدىشۇناس ۋاڭ يىرۇڭ ئەپەندىنىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، ۋاڭ يىرۇڭ ئەپەندى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ ۋە دەلىللەپ، بۇ ئېلىمىزنىڭ شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پالچىلىق سۆڭەكلىرى ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ؛ ئۇنىڭغا يېزىلغان خەتلەر ئېلىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېزىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «ئەجدىھا سۆڭىكى» گە ئويۇلغان خەتلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە مەدەنىيلىشىش مۇساپىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قىممەتلىك ماتېرىيالى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېزىقلار تاشپاقا قېپى ۋە ھايۋان سۆڭەكلىرىگە ئويۇلغانلىقى ئۈچۈن، چىغىناق - تارغاق يېزىقى دەپ ئاتالدى. خەتتاتلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، چىغىناق - تارغاق يېزىقىلا خەتتاتلىقنىڭ دەسلەپكى ئەجدادى ھېسابلىندۇ. چۈنكى، چىغىناق - تارغاق يېزىقى جۇڭگو خەتتاتلىقىنىڭ قەلەم ئىشلىتىش، قۇرۇلما، ئۇسلۇب قاتارلىق ئۈچ ئاساسىي ئامىلنى ھازىرلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، چىغىناق - تارغاق يېزىقى خەتتاتلىقنى تەتقىق قىلىشنىڭمۇ قىممەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. چىغىناق - تارغاق يېزىقى بايقىلىشى بىلەنلا، نۇرغۇن ئالىملار ئۇنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى. ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى بىلەن، قەدىمكى يېزىقشۇناسلىقنىڭ يېڭى بىر تارمىقى − چىغىناق - تارغاقشۇناسلىق ئىلمى بارلىققا كەلدى. ئېلىمىز چىغىناق - تارغاق يېزىقى تەتقىق قىلىنغان يىرىك ئەسەر «چىغىناق - تارغاق يېزىقى توپلىمى» نى تاماملاپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ غايەت يۇقىرى قىزىقىشىنى قوزغىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى