UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرىشىڭشۇ يېزىقى

شىڭشۇ يېزىقى

جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى شىڭشۇ يېزىقى كەيشۇ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن خەت نۇسخىسى. «شىڭشۇ» دىكى «شىڭ» (行) مېڭىش دېگەن مەنىدە. ئەگەر كەيشۇ يېزىقىنى راۋرۇس ئولتۇرغان ئادەمگە ئوخشاتساق، شىڭشۇ يېزىقىنى مېڭىۋاتقان ئادەمگە ئوخشىتىش مۇمكىن، ئۇ جانلىق ۋە ئەركىن بىر خىل خەت نۇسخىسىدۇر. شىڭشۇ يېزىقى ئىشلىتىش قىممىتى بىلەن بەدىئىي قىممىتى ياخشى بىرلەشكەن يېزىق. شۇڭا، ئۇ شەكىللەنگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەرقىي جىن سۇلالىسىنىڭ خەتتاتى ۋاڭ شىجى شىڭشۇ يېزىقى ھەققىدە يازغان كىتابى بىلەن تارىخ بېتىگە يېزىلغان، ئۇنىڭ «لەنتىڭ توپلىمىغا كىرىش» دېگەن كىتابى دۇنيادا شىڭشۇ يېزىقى ھەققىدىكى تۇنجى كىتاب دەپ قارىلىدۇ. خەتتاتلىق سەنئىتى تارىخىدا جۈەنشۇ، لىشۇ، كەيشۇ، ساۋشۇ قاتارلىق يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇئەييەن يېزىلىش قائىدىسى بار، يالغۇز شىڭشۇ يېزىقىنىڭلا يوق. ئۇ جانلىق، ئۆزگىرىشچان يېزىق، يېزىلغاندا كەيشۇ تەركىبى كۆپرەك بولغانلىرى، مەسىلەن «دىيانەتلىك ھەزرەت ۋاڭ شىجىنىڭ كىتابىغا كىرىش» ئادەتتە «شىڭشۇلۇق كەيشۇ يېزىقى» دەپ؛ ساۋشۇ (تېز يازما) تەركىبى كۆپرەك بولغانلىرى، مەسىلەن، ۋاڭ شىجىنىڭ «ماتەم مۇراسىمى»، ۋاڭ شيەنجىنىڭ «تاۋۇز چاغىنى» قاتارلىقلار ئادەتتە «شىڭشۇلۇق ساۋشۇ يېزىقى» (شىڭشۇلۇق تېز يازما) دېيىلىدۇ. شىڭشۇ يېزىقىنىڭ مۇقىم ئەندىزىسى يوق، بىراق، ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. يەنى خەتلەرنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش قىسىملىرى ئوچۇق بىسلىق؛ سىزىقلىرى ئايلانغان قىسىملىرى يۇمىلاق، قىرى ئاز بولىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شىڭشۇ يېزىقىنى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ئۆتكەن خەتتات ليۇ دېشېڭ ئىجاد قىلغانىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ شىڭشۇ يېزىقى كەڭ تارقالمىغان. جىن دەۋرى شىڭشۇ يېزىقى ئەڭ روناق تاپقان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن داڭلىق خەتتاتلار بارلىققا كەلگەن، ۋاڭ شىجى، ۋاڭ شيەنجى ئاتا - بالىدىن باشقا، يەنە ۋاڭ شۈن، شيې ئەن قاتارلىق نەچچە ئون خەتتات مەيدانغا كەلگەن. جىن دەۋرىدىن كېيىن چىققان مەشھۇر خەتتاتلاردىن شىڭشۇ يېزىقىدا ھۆسنخەت يازمىغىنى يوق، مۇنداق كىشىلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ تۇردى. مەسىلەن، يەن جېنچىڭ، سۇشى، خۇاڭ تىڭجيەن، مېي فۇ، جاۋمېڭفۇ، شيەن يۈيشۇ، ۋاڭ دو، بوشەن ۋە باشقىلار. بولۇپمۇ يەن جېنچىڭنىڭ «جيەن تەزىيەنامىسى» دۇنيادا شىڭشۇ يېزىقى ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتاب دەپ قارىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر-سەنئەتلىرى