قەغەز قىيما
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
ھەر يىلى چاغان بايرىمى يېتىپ كەلگەندە ۋە خۇشاللىق - قۇتلۇق كۈنلەردە، جۇڭگودىكى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەر پاكىز سۈرتۈلگەن دېرىزىلەرگە چىرايلىق دېرىزە گۈللىرىنى چاپلاپ، كىشىلەرنىڭ خۇشاللىققا چۆمگەن كۆڭلىنى ۋە كەلگۈسىگە بولغان تىلەكلىرىنى ئىزھار قىلىشىدۇ، بۇ رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزا ئاياللىرىنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، ئۇلار بىر دانە قايچا ياكى بىر دانە ئويۇش پىچىقى بىلەن، مول مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە ھۈنەر - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئويۇپ، قىيىپ چىقىدۇ.
جۇڭگونىڭ ئەل ئارا قەغەز قىيمىسى خۇشال بايراملىق كەيپىياتقا تولغان بولىدۇ. قايچا ئاستىدىكى رەڭگارەڭ دۇنيادا ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى، گۈل - قۇشلار، بالىلار، شىچۈي تىياتىر (چاڭچىلە) ھېكايىلىرى، قۇتلۇق بەلگە نەقىشلىرى قاتارلىق دېھقانلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان شەيئىلەر قىيىلىدۇ. دېرىزىگە چاپلىنىدىغان دېرىزە گۈللىرىدىن باشقا يەنە تام گۈلى، تورۇس گۈلى، توي گۈلى، پانۇس گۈلى ۋە كىيىمگە ئىشلىتىدىغان كەشتە نۇسخىلىرىمۇ قىيىلىدۇ.
جۇڭگو قەغەز قىيمىسى رەڭلىك ۋە تاق رەڭلىك دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. رەڭلىكلىرى جىلۋىلىك رەڭدار بولىدۇ. تاق رەڭلىكلىرى ساددا چوڭ سۈپەت بولىدۇ. جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە كىشىلەرنىڭ ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەلئارا قەغەز قىيما ئۇسلۇبىمۇ ئوخشاشمايدۇ. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دېرىزە گۈللىرىنىڭ ئۇسلۇبى قوپالراق ئاددىي، مەردانە كېلىدۇ. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكىلەر كۆپىنچە رەڭ چېكىلگەن قەغەز قىيمىنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكىلەر تاق رەڭلىك قەغەز قىيمىنى ياقتۇرىدۇ. خېبېي ئۆلكىسى ۋېيشيەن ناھىيىسىنىڭ قەغەز قىيمىلىرى رەڭدار ۋە نەپىس بولۇپ، خۇسۇسەن شىچۈي تىياتىر (چاڭچىلە) پېرسوناژلىرى تېما قىلىنغان دېرىزە گۈللىرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە. جەنۇبىي جۇڭگودىكى بەزىبىر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەغەز قىيمىلىرى كەشتە ئۆرنىكى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل ئەلئارا قەغەز قىيمىلار خەلق تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان بىر خىل بەدىئىي بۇيۇم بولۇپ قالدى.