شىلىڭ ئويمىچىلىق كوپىراتىپى
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
شىلىڭ ئويمىچىلىق كوپىراتىپى ئېلىمىزدىكى مىس - تاش ئويمىچىلىقنى تەتقىق قىلىدىغان تارىخى ئەڭ ئۇزاق، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر ئەلئارا ئىلمىي تەشكىلاتتۇر. ئۇ چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈينىڭ30 - يىلى (1904 - يىلى) خاڭجۇلۇق ئويمىكەشلەر دىڭ رېن، ۋاڭ تى، ۋۇيىن، يې ۋېيمىڭلار باشلاپ ئون يىل تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن1913 - يىل9 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلتاي ئېچىپ قۇرۇلغان. كوپىراتىپنىڭ ئورنى شىلىڭغا يېقىن بولغانلىقتىن، «شىلىڭ ئويمىچىلىق كوپىراتىپى» دەپ ئاتالغان، مىس - تاش ئويما خەتتاتى ۋۇچاڭشۇ كوپىراتىپ باشلىقى بولۇپ سايلانغان.
ئويمىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى چوكانتال بايرىمى ۋە چۇڭياڭ بايرىمىدا بىر قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزدى. بۇ ئالىي يىغىن دەپ ئاتالدى؛ ھەر10 يىلدا بىر قېتىم كۆلىمى چوڭراق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەزالارنىڭ مىس - تاش ئويما خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى، ئۇلار بۇ ئەسەرلەردىن ئورتاق بەھرە ئېلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىپ، نەتىجىلەرنى كېڭەيتتى. ئويمىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ياپونىيىلىك مەشھۇر تامغا ئويمىچى كاۋائى تارو ۋە ناگائو خاجېمي قاتارلىقلار خاڭجۇغا كېلىپ، ئويمىچىلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى. شۇنىڭدىن كېيىن كوپىراتىپ ئەزالىرى بارا - بارا كۆپەيدى، ئىختىساسلىقلار توپلىشىپ، نامى تارىلىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئويمىچىلىق ئىلمى تەتقىقات مەركىزى بولۇپ قالدى.
شىلىڭ ئويمىچىلىق كوپىراتىپى جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيانقى نادىر تامغىچىلىق ئەسەرلىرى، ئويمىچىلىق ئىلمى نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرى ۋە تاش ئويما ئابىدىلىرىنى رەتلەش، ساقلاش، تارقىتىشقا غايەت زور تۆھپە قوشتى.
شىلىڭ ئويمىچىلىق كوپىراتىپى جۇڭگو - چەت ئەل خەتتاتلىرى، مىس - تاش ئويمىكەشلىرى ئارىسىدا ئىلمىي ئالماشتۇرۇشلارنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئويمىچىلىق كوپىراتىپى مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى ئېكسكۇرسىيىچىلەرنى يىل بويى كۈتۈۋېلىپلا قالماي، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن خەتتاتلار، مىس - تاش ئويمىكەشلىرىنىمۇ ھەمىشە كۈتۈۋېلىپ تۇردى، يەنە سەنئەتكارلارنى ياپونىيە ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتكە ئەۋەتىپ تۇردى ياكى ئۇ يەرلەردە تامغىچىلىق، ئويمىچىلىق ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ تۇردى.