رەتلىك ۋە سالماق كەيشۇ يېزىقى
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
كەيشۇ يېزىقى كۆركەم ۋە رەتلىك بولغانلىقتىن، ھەقىقىي يېزىق ۋە توغرا يېزىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا پەيدا بولۇپ، شىمالىي ۋېي دەۋرىدە شەكىلگە كىرىپ، شەرقىي جىن ۋە جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە كەڭ تارقىلىپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تازا گۈللەنگەن، ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.
كەيشۇ يېزىقى لىشۇ يېزىقىدىن ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن، ئۇ لىشۇ يېزىقىغا قارىغاندا يېزىشقا قۇلاي، شەكلى خىلمۇ خىل، قەلەم ئىشلىتىلىشى ئۆزگىرىشچان، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى لىشۇ يېزىقىدىن پۇختا ۋە چىڭ، چېكىپ يېزىلىش نەپىس ۋە جانلىق بولۇپ، كەيشۇ يېزىقىنىڭ تۇرق جەھەتتىكى تاشقى گۈزەللىكى بىلەن ھالەت جەھەتتىكى ئىچكى گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
كەيشۇ يېزىقىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا، ۋېي - جىن دەۋرلىرى مۇھىم دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋرلەردە جۇڭ يۈ بىلەن ۋاڭ شىجى زور تەسىر قوزغىغان خەتتاتلاردۇر. ئۇلار قەدىمكى لىشۇ يېزىقىنىڭ چاسا شەكلى، خەن دەۋرى لىشۇ يېزىقىنىڭ گۈزەللىكى، ئۇنىڭ قوليازما شەكلىنىڭ ئوچۇقلۇقىنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق كەيشۇ يېزىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راۋۇرۇس ۋە تەرتىپلىك كەيشۇ يېزىقى نۇسخىسىنى يارىتىپ، جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق تارىخىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرى كەيشۇ يېزىقى تەرەققىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ۋېي، جىن، جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرلىرىدىكى كەيشۇ يېزىق نۇسخىلىرى بىر گەۋدە بولۈپ، كەيشۇ يېزىقىنىڭ خەت شەكلى جىددىي ۋە رەتلىك، سىزىقلىرى سىلىق ۋە سالماق، قۇرۇلمىسى پۇختا، ئۆلچىمى چىڭ بولغان ئۇسلۇبى شەكىللەندى. تاڭ دەۋرىدە نۇرغۇن خەتتاتلار مەيدانغا كەلدى. دەسلەپكى تاڭ دەۋرىدە يۈي شىنەن، ئوۋ ياڭ شۈن، چۇ سۇيلاڭ، شۆجى؛ ئاخىرقى تاڭ دەۋرىدە يەن جېنچىڭ، ليۇ گۇڭچۈەن قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار كەيشۇ خەتتاتلىقىدا ھەم ۋارىسلىق قىلىپ، ھەم يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقايسىسى ئۆزگىچىلىك شەكىللەندۈرۈپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە كەيشۇ خەتتاتلىقىنى ئۆگىنىدىغانلار يەنىلا تاڭ دەۋرىنىڭ كەيشۇ يېزىقىنى ئۆرنەك قىلىدۇ. چۈنكى، تاڭ دەۋرى خەتتاتلىقىدا خەتلەرنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى ئېنىق، قۇرۇلمىسى كېلىشكەن، شەكلى راۋرۇس، تولىمۇ ئۆلچەملىك.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كەيشۇ نۇسخىسىدا يېزىلغان مەشھۇر ئابىدىلەردىن ئوۋياڭ شۈننىڭ «جيۇ چېڭگۇڭ سارىيىدىكى تاتلىق بۇلاق ئابىدىسى»، يۈي شىنەننىڭ «فۇزىمياۋ ئىبادەتخانا ئابىدىسى»، شۆجىنىڭ «دىيانا ئۇستازى شىن شىڭنىڭ ئابىدىسى»، يەن جېنچىڭنىڭ «يەن چېنلى ئابىدىسى»، «يەن ھەزرەت ئىبادەتخانا ئابىدىسى»، ليۇ گۇڭچۈەننىڭ «شۈەنمىتا مۇنارى ئابىدىسى»، «خىسلەتلىك قوشۇن ئابىدىسى» قاتارلىقلار بار.