لاي ھەيكەل ۋە خېمىر ھەيكەل
جۇڭگونىڭ خەتتاتلىق ۋە ھۈنەر - سەنئەتلىرى
بىر كاللەك لاي ياكى خېمىر سەنئەتكارنىڭ قولىدا ھەش - پەش دېگۈچە ھەر خىل ھالەتتىكى بەدىئىي بۇيۇملارغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ جۇڭگو لاي ھەيكەل ۋە خېمىر ھەيكەلتىراشلىقىدىكى بىر چوڭ ئۆزگىچىلىك.
لاي ھەيكەل ئەل ئارىسىدىن كەلگەن بولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردىلا ھەمدەپنە قىلىدىغان قونچاق، تاۋاپ قىلىدىغان بۇت، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقلارنى ياسايدىغان ئۆرپ - ئادەت بار ئىدى. تيەنجىن شەھىرىدىكى «جاڭ فامىلىلىك ياسىغان لاي قونچاق» ۋە ۋۇشى شەھىرىدىكى خۇيشەن لاي قونچاقلىرى ئېلىمىز بويىچە ئەڭ داڭلىق لاي قونچاق تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«جاڭ فامىلىلىك ياسىغان لاي قونچاق» تيەنجىن شەھىرىدىكى جاڭ فامىلىلىك بىر ئائىلىنىڭ ياسىغان لاي ھەيكەل ھۈنەر - سەنئىتى. ئۇ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشلىنىپ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئۇدۇم بولۇپ كەلگەن. ئۇلار ياسىغان لاي قونچاقلارنىڭ ئوبرازى ئەينەن، روھىي قىياپەتلىرى ھەر خىل بولۇپ، تۇرمۇش چىنلىقى ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بولغانلىقىدىن، تيەنجىن ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئىتىدىكى يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن بەدىئىي بۇيۇم ھېسابلىنىپ، «جاڭ فامىلىلىك ياسىغان لاي قونچاق» دەپ ئاتالغان.
ۋۇشى شەھىرىنىڭ خۇيشەن لاي قونچاقلىرى تەخمىنەن4 يۈز يىلدىن ئارتۇقراق تارىخقا ئىگە. ئۇنىڭ رەڭلىرى ئوچۇق، شەكىل يارىتىلىشى ئاددىي - ئىخچام، سىزىقلىرى راۋان بولۇپ، قويۇق زىننەتلىمىلىككە ۋە ئەلئارالىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. خۇيشەن لاي قونچاقلىرى ئادەتتە ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. بىر خىلى سوۋغات بۇيۇمى ۋە زىننەتلىمە بۇيۇمى قىلىنىدىغان ئەنئەنە تىياتىر قونچاقلىرى بولۇپ، «نەپىس مال» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىلى زور تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قېلىپتا بېسىپ ياسىلىدىغان لاي ئويۇنچۇقلار بولۇپ «يىرىك مال» ياكى «ھىيلە مال» دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا داڭقى كەتكەن دائافۇ دېگەن لاي قونچاق − خۇيشەن لاي قونچاقلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئەسەر بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا جەنۇبىي ئوكيان رايونىدىكى ئەللەردە سېتىلغان.
خېمىر قونچاق − رەڭلىك نومى گۈرۈچ ئۇنىنى خام ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان كىچىك تىپتىكى ئادەم قونچاقلار بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا خېمىر قونچاق سەنئىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان سەنئەتكارلار بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا خېمىر قونچاق ئەل ئارىسىدىكى ھېيت - بايراملاردا ياسىلىدىغان «خۇشاللىق ھورنېنى»، «گۈللۈك توقاچ» لاردىن باشلانغانىكەن. بايراملىق خۇشال كەيپىياتنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇن تائاملىرىنى ئەتكەندە بەخت، يۇقىرى مەرتىۋە، ئۇزۇن ئۆمۈر، خۇشاللىق دېگەن خەتلەرنى يازغان، ياكى بولمىسا گۈل، كىچىك ھايۋانات قاتارلىقلارنى سىزىپ تائاملارنى زىننەتلىگەن، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، مۇستەقىل زوقلىنىدىغان ئەل ئارا بەدىئىي بۇيۇمغا ئايلانغان.
نۇرغۇنلىغان خېمىر ھەيكەل ياسايدىغان سەنئەتكار شىچۈي تىياتىر (چاڭچىلە) پېرسوناژلىرىنى، بۇت ۋە چۆچەك، كلاسسىك ئەدەبىياتتىكى پېرسوناژلارنى شەكلى جانلىق، رەڭلىرى ئوچۇق قىلىپ ياساشقا ماھىر. چوڭلىرى1 مېتىردىن ئارتۇق. كىچىكلىرى mc1 بولۇپ، يېرىم ياڭاق شاكىلىنىڭ ئىچىگە سىغىدۇ. ئىنتايىن نەپىس ياسىلىدۇ.