UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىشېن جۈنرۇ

شېن جۈنرۇ

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى شېن جۈنرۇ (1875 −1963 - يىللار) ئېلىمىزدىكى ئاتاقلىق ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زات، جۇڭگو دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ئۇ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئىلگىرى يېڭىلىققا كۆچۈش، قانۇن ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.1904 - يىلى تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، كېيىن ياپونىيىگە بېرىپ خۇسۇسىي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.1907 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.1911 - يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، گۇاڭفۇ جەمئىيىتىنىڭ جېجياڭدىكى خىزمىتىگە قاتنىشىپ، جېجياڭ تۇتۇق مەھكىمىسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرگەن. ئۇزاق ئۆتمەي، پارلامېنت ئەزالىقىغا تەيىنلىنىپ، يۈەن شىكەينىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىدە، ئۇ گۇاڭجۇغا بېرىپ قانۇننى قوغداش ھەربىي ھۆكۈمىتىنىڭ باش تەكشۈرگۈچىسى بولغان. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ۋە4 - ماي ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، يېڭى ئەخلاق، يېڭى مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلغان. گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇ شاڭخەي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى (كېيىن شاڭخەي قانۇن ئىنستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن)نىڭ ئىلمىي مۇدىرى ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىپ، دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە پائال قاتناشقان.1933 - يىلى سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىقلار تەشكىللىگەن جۇڭگو خەلق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولغان ھەمدە نۇرغۇن ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زاتلار ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان.1935 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ مىللىي كرىزىس پەيدا قىلغاندا، ئۇ ئىنتايىن غەزەپلىنىپ بىر پارچە شېئىر يازغان، ئۇنىڭ شېئىرىدا: «مەن جۇڭگولۇق» دېگەن مىسرا بەش يەردە تىلغا ئېلىنغان. ئۇ يەنە جۇڭگودىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىرلەشمە جەمئىيىتى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ تەرغىباتچىلىق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى شاڭخەيدە ئېلىپ بارغان بىرنەچچە قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىشتا، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا دائىر ناخشىلارنى ئېيتىپ، گومىنداڭنىڭ نەيزىلىرى ۋە تاياق - توقماقلىرى ئالدىدا قىلچە قورقۇپ قالمىغان.1936 - يىلى11 - ئايدا، لى گۇڭپۇ، زۇ تاۋفېن قاتارلىق يەتتە كىشى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغاندا، ئۇ «ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتىدىكى يەتتە ئەزىمەت» نىڭ بىرى ئىدى. ئۇ سوتتا ۋە تۈرمىدە، دۈشمەنگە قىلچە تىز پۈكمەي، دۈشمەن بىلەن تىغمۇتىخ كۈرەش قىلغان.1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، شېن جۈنرۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ داۋاملىق تۈردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا كۈرەش قىلىپ، خەنكۇدا دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش باش جەمئىيىتىنى قۇرغان.1941 - يىلى ئۇ جاڭ لەن، خۇاڭ يەنپېي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو دېموكراتىك سىياسىي تەشكىلىي ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.1947 - يىلى كومپارتىيىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ئازاد رايونلارغا بېرىپ، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىگە ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.1956 - يىلى جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان.1963 - يىلى6 - ئايدا، بېيجىڭدا كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. جۇ ئېنلەي ئۇنى: «دېموكراتىيە ۋە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلغان دېموكراتىك سولچى زاتلارنىڭ بايراقدارى» دەپ تەرىپلىگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى
شېن جۈنرۇ | UyghurWiki | UyghurWiki