ياڭ جىڭيۈ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1940 - يىل2 - ئاينىڭ23 - كۈنى، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان ياپون ئالۋاستىلىرى ياڭ جىڭيۈنىڭ جەسىتىنى ۋەھشىيلىك بىلەن يارىدۇ. ئۇلار ئەسلىدە قار - مۇز بىلەن قاپلانغان چاڭبەيشەن ئورمانلىقىدا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەرقىي شىمال بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىشىغا قانداق كۈچنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولغانىدى. ياڭ جىڭيۈنىڭ ئاشقازىنىدا بىر تالمۇ ئاشلىق يوقلۇقىنى، پەقەت ياۋا ئوت - چۆپ، دەرەخ قوۋزىقى ۋە كۇمىلاچ - كۇمىلاچ پاختىلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ياپون ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانى گۇلۇڭ يىلاڭ نېمە قىلارىنى بىلمەي داڭقېتىپ قالىدۇ.
ياڭ جىڭيۈ (1905 −1940 - يىللار) خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چۆشەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئاتىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، تاغىسىنىڭ ياردىمىدە مەكتەپتە ئوقۇغان،21 يېشىدا ئىنقىلابىي خىزمەتكە قاتناشقان. ئۇ دېھقانلار جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي قوراللىق كۈچ تەشكىللىگەن؛ چۈشەن قوزغىلىڭىنى پىلانلىغان؛ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە ماسلاشقان؛ ئاقلار رايونىدا خىزمەت قىلغان، ئۈچ قېتىم قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.1924 - يىلى بۇيرۇققا بىنائەن شەرقىي شىمالغا بارغان. ئۇ يەردە ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنغان.1931 - يىلى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ج ك پ خاربىن شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مانجۇرىيە ئۆلكىلىك پارتكوم ھەربىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.1935 - يىلى شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىسى قۇرۇلغاندا، ئۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە1 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، سىياسىي كومىسسارى، قوشۇمچە ج ك پ جەنۇبىي مانجۇرىيە ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيىسى شىمالىي جۇڭگوغا بىۋاسىتە كىرىشكە ئامالسىز قېلىپ،400 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇننى يۆتكەپ كېلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنى «قورشاپ يوقىتىش» قا كىرىشكەن. دۈشمەن كۈچلۈك بولغاچقا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە چاڭبەيشەن تېغىدىكى قويۇق ئورمانلىققا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باتۇر جەڭچىلىرى شارائىتنىڭ مۈشكۈللۈكىگە قارىماي، دۈشمەن بىلەن داۋاملىق ئېلىشىپ، تۈرلۈك چارىلەرنى قوللىنىپ دۈشمەننى تۇتۇپ تۇرغان. ياپون ئالۋاستىلىرى بارلىق كەنتلەرنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭ كەنتلەرگە يىغىپ نەزەربەند ئاستىغا ئالغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە جەڭچىلىرى پۇقرالار بىلەن ئالاقىلىشىشكە ئامالسىز قېلىپ ، ئاخشاملىرى ئوت يېقىشقا جۈرئەت قىلالماي، كۈندۈزى دەرەخ قوۋزىقى، ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يەپ تۇرسىمۇ، لېكىن كۆپ قېتىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى ھالسىزلاندۇرۇۋەتكەن. ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ باش قوماندانى قول ئاستىدىكىلىرىنى: «سەنلەر چوڭ - چوڭ ئەبلەخ، ياڭ فامىلىلىك سەنلەردىن ئون ھەسسە ئەقىللىق» دەپ تىللاپ كەتكەن.1938
- يىلى قىشتا، جەنۇبىي مانجۇرىيە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق بازىسىنىڭ ھەممىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.1939 - يىلى11 - ئايدا ياڭ جىڭيۈ باشچىلىقىدىكى1 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ1 - قىسمىدىكى1400 نەچچە ئادەم ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، ئاران400 نەچچە ئادەملا قالغان. ئوزۇق - تۈلۈك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار تارقاق ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.1940 - يىلىنىڭ بېشىدا، ياڭ جىڭيۈ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مىڭجياڭ ناھىيىسىدە دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان. ئۇ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشنى قايتا - قايتا تەشكىللەپ، يېنىدىكى يولداشلىرىنى تۈركۈم - تۈركۈملەپ يولغا سېلىپ، ئۆزى نۆلدىن تۆۋەن40 نەچچە گرادۇسلۇق سوغۇق ئورمان ئىچىدە دۈشمەننى تۇتۇپ تۇرغان. ئۈچ كېچە - كۈندۈز جەڭ قىلىش ۋە يۆتكىلىش داۋامىدا، ئېغىر يارىلانغان؛ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن، دەرەخ قوۋزىقىنى يېيەلمەي پاختىلىق چاپىنىدىن پاختا ئېلىپ ئۇنى قار بىلەن ئاغزىغا سالغان. خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، دۈشمەن ياڭ جىڭيۈنىڭ ئىز - دېرىكىنى بىلىۋېلىپ، ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ، ئۇنى تۇشمۇتۇشتىن قورشاۋغا ئالغان. دۈشمەنلەر قورال تاپشۇرساڭ، ئۆلتۈرمەسلىككە كاپالەت بېرىمىز، دەپ ۋارقىرىغاندا، ياڭ جىڭيۈ يالغاندىن ماقۇل بولۇپ، دۈشمەنلەر يېقىنلاپ كەلگەندە، ئىككى قولىغا قورال ئېلىپ، دۈشمەنگە غەزەپ ئوقلىرىنى ياغدۇرغان. ياپون ئالۋاستىلىرى تەسلىم بولۇشقا ئۈندەپ نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن قالايمىقان ئوققا تۇتقان. ياڭ جىڭيۈ مەردلەرچە قۇربان بولغان. ئۇ قۇربان بولغاندا ئاران35 ياشتا ئىدى.