UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىچيۇ شاۋيۈن

چيۇ شاۋيۈن

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى بىزدە «خەلقنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن ئوت - دېڭىزغا كىرىش» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، بەدىنى كۆيۈۋاتسىمۇ مىدىرلاپ قويمىغان بىر قەھرىمان جەڭچى ئۆتكەن، ئۇ بولسىمۇ چيۇ شاۋيۈن (1931 −1952 - يىللار)دۇر. ئۇ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭلياڭ دېگەن يېرىدىن.1952 - يىل10 - ئاينىڭ11 - كۈنى كېچىدە، چيۇ شاۋيۈن نەچچە يۈز سەپدىشى بىلەن بىللە كىيىم - كېچەكلىرىنى ياۋا ئوت - چۆپلەر بىلەن ئوراپ، دۈشمەنلەر ئىگىلىۋالغان391 - نومۇرلۇق ئېگىزلىكنىڭ ئەتراپىدا يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ.60 مېتىر نېرىسىدا چارلاپ يۈرگەن دۈشمەن ئەسكەرلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كەينىدە بولسا جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن باشقا يولداشلار جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتى. نەچچە يۈز جەڭچى20 نەچچە سائەتكىچە چوقۇم مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك ئىدى، بولمىسا، جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپ ئىچىدە قالاتتى. چۈش بولغاندا، ئەنسىزچىلىكتە قالغان دۈشمەنلەر ئۇلار يوشۇرۇنۇپ تۇرغان تەرەپكە قارىتىپ مەقسەتسىزلا كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتتى، ئۇنىڭ بىرى چيۇ شاۋيۈننىڭ پۇتىنىڭ يېنىغىلا چۈشتى، ئۇنىڭ بەدىنى شۇ ھامانلا لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى. يېقىنلا يەردە ئېرىق بار ئىدى، بىراق ئۇ ئېرىققا قاراپمۇ قويماي، چىشىنى چىشلەپ تۇرىۋەردى. پۈتۈن بەدىنى چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن چيۇ شاۋيۈن ئىككى قولىنى پاتقاققا چىڭ تىقىۋالدى. مۇشۇنداق ھايات - ماماتلىق پەيتتە، ئەمدىلا21 ياشقا كىرگەن چيۇ شاۋيۈن قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا چىداپ، مىلتىقىنى قاماللاپ تۇتقىنىچە، يەرگە مەھكەم چاپلىشىپ يېتىۋەردى. ئوت توپتوغرا يېرىم سائەت كۆيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تاكى باتۇرلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر خۇددى گىگانت تاشتەك مىدىرلاپمۇ قويمىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالى بېرىلىشى بىلەنلا، جەڭچىلەر «چيۇ شاۋيۈن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالايلى» دەپ توۋلىغىنىچە،20 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۈشمەننى يوقاتتى. جەڭچىلەر «391 - نومۇرلۇق» ئېگىزلىكتىكى تىك قىياغا «قوشۇننىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مەردلەرچە قۇربان بولغان ئۇلۇغ جەڭچى چيۇ شاۋيۈن» دېگەن خەتلەرنى ئويۇپ قويدى. جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قوشۇنى چيۇ شاۋيۈننى ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالدى ھەمدە ئۇنىڭغا1 - دەرىجىلىك ئۇرۇش قەھرىمانى، دەپ نام بەردى. چاۋشيەن خەلقى ئۇنىڭغا «چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قەھرىمانى» دەپ نام بېرىش بىلەن بىللە، يەنە ئالتۇن يۇلتۇز ئوردېنى ۋە1 - دەرىجىلىك دۆلەت بايرىقى ئوردېنى بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى