UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرىچېن جياگېڭ

چېن جياگېڭ

جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى چېن جياگېڭ (1874 −1961 - يىللار) ئېلىمىزدىكى مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر زات. ئۇ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىمېي بازىرىدىكى بىر مۇھاجىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا يۇرتىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپتە تەلىم ئېلىپ،17 يېشىدا دادىسى بىلەن سىنگاپورغا بېرىپ تىجارەت قىلغان،30 يېشىدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن. سودىغا ماھىر بولغاچقا بارا - بارا كاتتا بايغا ئايلانغان. بىراق، ئۇ كرىزىسقا پېتىپ قالغان ۋەتىنىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.1910 - يىلى ئۇ ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، يۇرتىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، بالىلار باغچىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ دارىلمۇئەللىمىن ۋە سودا، سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز ئىشلىرى، دېھقانچىلىق قاتارلىق مەخسۇس مەكتەپلەرنى ئاچقان. سىنگاپوردا جۇڭگو مۇھاجىرلىرى دارىلمۇئەللىمىنى ۋە جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بەرگەن.1918 - يىلى، ئۇ يەنە شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرغان. كېيىن، ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، كارخانىسى تاقىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئۇ چىشىنى چىڭ چىشلەپ جىمېي مەكتىپى بىلەن شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەربىيىلەش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا شەرت بىلەن كارخانىسىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ھەر ساھەدىكى زاتلار ئۇنى: «كارخانىسىنى ۋەيران قىلىپ، مائارىپنى گۈللەندۈرگەن كارخانىچى» دەپ تەرىپلىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، چېن جياگېڭ جەنۇبىي ئوكيان جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ ۋەتەن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېرىش باش ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ توپلىغان. ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى ياپونىيىگە تەسلىم بولۇشنى مەخپىي پىلانلىغاندا، ئۇ سىياسىي ئىشلار كېڭىشىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن »دۈشمەن چېكىنمەي تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىش ۋەتەنگە ساتقۇنلۇق قىلغانلىق بولىدۇ« دېگەن تەكلىپ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەن ساتقۇچ خائىنلارغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن. زۇ تاۋفېن بۇنى «قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئۇلۇغۋار تەكلىپ لايىھىسى» دەپ تەرىپلىگەن. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ «مۇھاجىرلار گېزىتى» نى چىقىرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان ھەمدە جەنۇبىي ئوكياندىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترۇمېنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ جياڭ جيېشىغا ياردەم بېرىپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى تۇرغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چېن جياگېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇ گەرچە كاتتا باي بولسىمۇ، ئاددىي - ساددا تۇرمۇش كەچۈرگەن.1961 - يىلى كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاندا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈن ھەربىرىگە ئېيىغا25 يۈەن ئىشلىتىشنى، مائاشى بارلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى مۇناسىپ ئازايتىشنى، جۇڭگودىكى بانكىلارغا ئامانەت قويغان3 مىليون يۈەن پۇلنىڭ ھەممىسىنى دۆلەتكە تەقدىم قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇ شۇ يىلى8 - ئاينىڭ12 - كۈنى بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا ۋاپات بولغان. ماۋ زېدۇڭ ئۇنى: «جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ بايراقدارى»، «مىللەتنىڭ نۇرى» دەپ مەدھىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ قەدىمقى قۇرۇلۇشلىرى