لېي فېڭ
جۇڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى
1963 - يىل3 - ئاينىڭ5 - كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە: «يولداش لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دەپ چاقىرىق قىلدى، زۇڭلى جۇ ئېنلەي: «يولداش لېي فېڭنىڭ مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق بولۇشتەك سىياسىي مەيدانىدىن، سۆز - ھەرىكىتى بىردەك بولۇشتەك ئىنقىلابىي روھىدىن، ئومۇم ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇشتەك كوممۇنىستىك خىسلىتىدىن، ھايات - ماماتى بىلەن ھېسابلاشماسلىقتەك پرولېتارىياتلىق كۈرەش ئىرادىسىدىن ئۆگىنەيلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، لېي فېڭ روھى كوممۇنىستىك ئىدىيە ۋە ئەخلاقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
لېي فېڭ (1940 −1962 - يىللار) خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدىن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ياپون جاھانگىرلىكى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە پومېشچىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئارقا - ئارقىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەتتە يېشىدىلا يېتىم قالغان. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كومپارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنى يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، باشتا يېزىدا خەۋەرچى، كېيىن ۋاڭچېڭ ناھىيىلىك پارتكومغا يۆتكىلىپ كېلىپ خەۋەرچى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋېيشۇي دەرياسىنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، تۇەنشەنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرۇلۇشى ۋە ئەنشەن پولات - تۆمۈر زاۋۇتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىپ، كۆپ قېتىم ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان.1960 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ، قۇرۇلۇش ئەسكەرلىرى مەلۇم قىسمى ترانسپورت ليەنىنىڭ4 - بەنىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. شۇ يىلى11 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.1962 - يىل8 - ئاينىڭ15 - كۈنى، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ سىرتتىن قايتىپ كېلىپ ئاپتوموبىلنى تازىلاۋاتقاندا، كەينىگە ياندۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر ئاپتوموبىلنىڭ كەينى چاقى كۈتۈلمىگەندە بىر تال كالتەككە تېگىپ كەتكەن، كالتەك قاڭقىپ چىقىپ لېي فېڭنىڭ بېشىغا قاتتىق تېگىپ كېتىپ، ئۇ بەختكە قارشى ۋاپات بولغان.
لېي فېڭ ئىزچىل تۈردە تىرىشچان، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھېرىسمەن بولۇپ، ھەم قىزىللىشىش، ھەم ئىختىساسلىشىشتا چىڭ تۇرغان. ئۇ مىخلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، شۇ كەسىپنى ۋايىگە يەتكۈزۈپ قىلغان. تۇرمۇشىنى جاپالىق، ئاددىي - ساددا ئۆتكۈزۈپ، تېجەپ قالغان پۇللىرىنى باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە، كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان لياۋياڭ شەھىرىگە ئىئانە قىلىشقا سەرپ قىلغان. چەكلىك ھاياتىنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت چەكسىز ئىشقا ئاتىغان، ئۇ: «مېنىڭچە، ھايات كەچۈرىمەن دەيدىكەنمەن، باشقىلارنى تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچۈرگۈزۈشۈم كېرەك»، «ئۆزۈم ئازراق جاپا چېكىپ، باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىش مېنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم ۋە بەختىم» دېگەن. سەپداشلىرىنىڭ كىيىملىرى كىرلىشىپ قالغاندا، ئۇ بىلىندۈرمەي يۇيۇپ، يىرتىلغان يەرلىرىنى ياماپ قويغان؛ بىرەرىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولۇپ قالسا، سەزدۈرمەستىن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەن. ئىشتىن سىرتقى چاغلىرىدا، مەكتەپلەرگە بېرىپ تەربىيىچى بولغان؛ بايرام كۈنلىرى ۋوگزالغا چىقىپ، ئاجىز - ئورۇق، قېرى - چۈرىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغان، پويىز كۈتۈش زالىنى تازىلىشىپ بەرگەن؛ سىرتلارغا كاماندىروپكىغا چىققاندا، يول بويى ياخشى ئىش قىلىپ ماڭغان. بىر قېتىم، بىر چوكان پويىز بېلىتىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېرىكىپ تۇرغاندا، ئۇ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بېلەت ئېلىپ بەرگەن ھەمدە يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ پويىزغا چىقىرىپ قويغان. بەزىلەر ئۇنى «ئەخمەق» دەپ مازاق قىلغاندا، ئۇ مەن مۇشۇنداق «ئەخمەق» لەردىن بولۇشقا رازى، ئىنقىلاب مۇشۇنداق «ئەخمەق» لەرگە موھتاج، قۇرۇلۇش ئىشلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق «ئەخمەق» لەرگە موھتاج، دەپ قويۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغان.
لېي فېڭ گەرچە ئومۇمنىڭ ئىشى ئۈچۈن22 يېشىدا ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاشۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا نامايان قىلغان ئالىيجاناب ئىدىيىۋى پەزىلىتى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.